歌词
ئۇششاق مۇقامى
مۇزىكىسى: خەلق
تېكىستى: خەلق
تەئەززە
باغ ئىچرە ساڭا ساچتى گۇل ئاقۇ قىزىل يافراق،
شاھ باشىغە ئانداقكىم ئەل ئاقۇ قىزىل يارماق.
نە يارلىغ ئولغايكىم، ھەر كەچە تاڭ ئاتقۇنچە،
سەن ئەيش ئىلە ئۇيقۇدا، مەن رەنج بىلەن ئويغاق.
كۆز مەردۇم كويۇڭنىڭ گەردىن تىلەبان باردى،
قانىكى ئاقار، ئانى قان تارتتىمۇ يا تۇپراق.
كۆرگەچ ئانى ھەيرەتدىن ئىلكىمنىكى تىشلەر مەن،
بارماققا باتىپدۇر تىش، تىلنى كەسىبان تىرناق.
جان نەقدىن ئەجەل بىرلە ھەجرىڭ ئىكى بۆلمىشلەر،
ئانداقكى، تاپىپ سۇدى ئايرىغاي ئىكى ئورتاق.
كويۇڭ كەرەك، ئۇچماق يوق، ئۇچماق ئىلە كويۇڭدا،
ئول نەۋئى تەفاۋۇتدۇركىم، تامۇق ئىلە ئۇچماق.
ھەم دەھر بەقاسىزدۇر، ھەم ئۇمر ۋەفاسىزدۇر،
خۇشتۇر نەفەسى ئۆزنى ئەھباب ئىلە خۇش تۇتماق.
يەتمەكلىك ئ‍ەرۇر مۇشكىل مەقسەدغە، نەدىنكىم بار،
كۆز خىيرەيۇ تۈن تىيرە، ئات ئاقساقۇ يول بورتاق.
تەئەززە چۈشۈرگىسى
دەپسەنكى، نەۋائىينى كەلگۈم داغى ئۆلتۈرگۈم،
ئول ئۆلدى بۇ ھەسرەتدىن، كەل تەڭرى ئۈچۈن پاتراق.
نۇسخە
سەرۋى رەۋاندەك چىقسا ئول شەھر ئىچرە غەۋغا بولغۇسى،
بىر غەمزەسىندىن ھەر زامان يۈز فىتنە پەيدا بولغۇسى.
ئول نازەنىن قەد قان بىكىن قايدا بولۇر بولسا رەۋان،
كۆلەنگەسى شەمشاد يا سەرۋى دىلئارا بولغۇسى.
يۈزىنىڭ ئۈزرە زۇلفىنى مەششاتەكىم شانە قىلۇر،
بازارى ھۇسنىندە ئانىڭ يۈز تۈرلى غەۋغا بولغۇسى.
جادۇ كۆزى دەۋرىندە خۇد كافىر بەسى بولدى، ۋەلې،
لەئ‍لى لەبىن ئەھدىن كۆرۈپ، بارچەسى تەرسا بولغۇسى.
بەرناغە تەگسە ھالى ئىشق، ئول پىيرى كامىل كۆرۈنۈر،
ھەم پىيرەغە ئول ھالىدىن يەتىشسە، بەرنا بولغۇسى.
تاپمادى ۋەسلى گەۋھەردىن مەۋجۇنى بەلادە مۇبتەلا،
بولۇپ، كۆزۈمنىڭ ياشىدىن ھەر قەترە دەريا بولغۇسى.
ھافىز بولۇپدۇر فەرد ئۇسۇل دىلدارنىڭ يولىنداكىم،
جانلارغا ھەزرەتدىن نىدا بىر يولى فەردا بولغۇسى.
ئىشق سىررىن ھەجر ئەسىرى ناتەۋانلاردىن سوراڭ،
ئەيش ئىلە ئىشرەت تەرىقىن كامرانلاردىن سوراڭ.
بىزگە جۇز مىھرۇ ۋەفا ئاينى بولمايدۇر نەسىپ،
بىۋەفالىغ رەسمنى نامىھرىبانلاردىن سوراڭ.
بىزنى دەۋران مىھنەتىدىن ئاجىز ئەتمىش ھەم قەرى،
ھۇسن ئىلە قۇۋۋەتنى رەئ‍نا نەۋجەۋانلاردىن سوراڭ.
بىدىل ئەل دىلجويلق يا دىلشىكەنلىك رەسىمنى،
فەھم قىلماسلار، بۇ ئىشنى دىلىستانلاردىن سوراڭ.
نىك نام ئەل ئىشق ئارا بەدناملىغلار شىۋەسىن،
ياخشى بىلمەسىلەر، ئانى بىزدەك يامانلاردىن سوراڭ.
فەقرلىق زەۋقىنى سورماڭ شەۋكەتۇ جاھ ئەھلىدىن،
ئول سۇئۇبەت لەززەتىن بىخانومانلاردىن سوراڭ.
ئەجز تۇفراغىدا ئىشق ئەھلىغە ئۆلگەن ھۇكم بار،
قەتىل ھۇكمى ئەيلەمەكنى قەھرىمانلاردىن سوراڭ.
نۇسخە چۈشۈرگىسى
چۇن نەۋائىي ئىشق سەھراسىندا يىتتى، دوستلار،
ئانى ئول ياندىن يەتىشكەن كارۋانلاردىن سوراڭ.
مۇستەھزاد
ھىچ كىشىنى قويماغىل، يا رەب، غەمى ھىجران بىلە،
يۇسۇفى كەنئانغا ئوخشا مىھنەتى زىندان بىلە.
كۆرسەلەر گەر خانۇ شاھلەر بەلكى سۇلتانى زەمان،
قىلغۇدەكدۇر خىزمەتىڭنى، ئەي پەرىۋەش، جان بىلە.
كۆرمەدىم لەئ‍لى لەبىڭنى يا تىشىڭدەك گەۋھەرى،
قانچە ئاختاردىم جەھاننى بەھر ئىلەيۇ كان بىلە.
بىرگىنە كۆرمەي يۈزڭنى دەھر ئارادا تويغۇنچە،
كەتكۈدەكمەن ئاقىبەت بۇ ئارزۇ ئەرمان بىلە.
ئول گۇلى جەننەت فىراقىدا، قەلەندەر، سۇبھۇ شام،
ئۆتكۈدەكمەن بۇلبۇل ئوخشا نالەيۇ ئەفغان بىلە.
جۇلا
قىرق گۈن بولدى، ئەي يارىم، ۋەسلىڭدىن جۇدادۇرمەن،
ۋەسلىڭدىن جۇدا بولغاچ غەمگە مۇبتەلادۇرمەن.
زۇھرانىڭ فىراقىدا دەر-بەدەر گەدادۇرمەن.
كۈل بولدى مەنىڭ جىسمىم، بىر يولى ئەدادۇرمەن.
ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرسەم، باشلارىڭدىن ئۆرگۈلسەم،
ئۆلسەم ئەرمانىم يوقتۇر، ئاياغىڭدا جان بەرسەم.
بۇ تاغلار ئەگىز تاغلار، ئاشىق يولىنى باغلار،
بوش قالدى چاھار باغلار، تاھىر ئۆلسە كىم يىغلار.
بۇ تاغلار ئەگىز تاغلار، مەئ‍شۇق يولىنى باغلار،
بوش قالسا چاھار باغلار، تاھىرغا زۆھرا يىغلار.
سەنەم
جانىمدا ئەلىف يەڭلىغ ئول سەرۋى مەكان ئەتمىش،
جىم نۇقتەسىدەك داغىن جانىمدا نىھان ئەتمىش.
جانىمنى ھەدەف ئەيلەپ، كىرفىكلەرى سەف ئەيلەپ،
غەمزە ئوقىن ئاتماغقا قاشىنى كەمان ئەتمىش.
مەن بىدىلىي ھەيرانغا ھەم كۆزلەرى گىريانغا،
چىرماشماق ئۈچۈن جانغا زۇلفىنى يىلان ئەتمىش.
ئول دىلبەرى مەھۋەشكە غەمزە بىلە دىلكەشكە،
چىھرەم ئ‍ۈزە قان ياشىم ھالىمنى بەيان ئەتمىش.
چوڭ سەلىقە
كۆرسەت جەمالىڭ مەستانەلەرگە،
ئىشقىڭدا كۆيگەن پەرۋانەلەرگە.
يوق ماڭا تاقەت قىلسام قەنائەت،
غەمزە قىلۇرسەن بىگانەلەرگە.
مەندىن دۇئايى سەندىن ئىجابەت،
جانىم تەسەددۇق جانانەلەرگە.
ئەي زۇلمى قاتىغ، رەھم ئەيلەمەيسەن،
قىلغىل نەزارە بىيچارىلەرگە.
پەردەنى ئاچغىل ئايدەك يۈزۈڭدىن،
كۆرسەت جەمالىڭ دىيۋانىلەرگە.
مەشرەب غەرىبىڭ، بەندەم دەگەيسەن،
باشىنى قويدى ئاستانىلەرگە.
كىچىك سەلىقە
بىرىنچى ئاھاڭ
سەنى لەيلىئى رەئ‍نادەك ئەجايىب دىلرەبا دەرلەر،
مەنى مەجنۇنى ھەيراندەك كويۇڭدا بىر گەدا دەرلەر.
ئەجەبدۇر، ئەي شاھى خۇبان، كەچە-گۈندۈز ئىشىكىڭدە،
ھەمىشە مەن نەۋا قىلسام:«داغى سەن بىنەۋا» دەرلەر.
باقىبان ئەل سارى، جانا، يۈزۈڭدىن بىر نىقاب ئالساڭ،
زۇخۇڭنى چۈن مەھى ئەنۋەر، تەجەللىئى خۇدا دەرلەر.
تەبەسسۇم ئەيلەبان ناگاھ نەزەر قىلساڭ گورىستانغا،
قوپۇپ گوردىن بارى مۇردەھەمە «ۋا ھەسرەتا!» دەرلەر.
كۆرۈبان بەئ‍زى ئاشىقلاركى ھەلقە-ھەلقە زۇلفۇڭنى،
ئەزەلدىن بىزگە سالغان بۇ ھەمە زەنجىرى پا دەرلەر.
يۈرۈپ سورۇم تەبىبلەردىن:«نەدۇر بۇ دەردىمەن دەرمان؟»
تەبىب ئايتۇركى:«ئەي نادان، بۇ دەردى بىدەۋا» دەرلەر.
ئىككىنچى ئاھاڭ
ئەي رەفىق سەن ساقلاغىل كۆڭلۈڭدە بىر ئەسرارى بار،
ياردىن قىلغىل ھەزەر، يانىدا بىر ئەغيارى بار.
دەمەگىل دەپ سەن ئاڭا سىررىڭنى قىلساڭ ئاشكار،
ئول ھەم ئايتۇر دەمە دەپ، ئانىڭمۇ ھەم بىر يارى بار.
گۈندۈز قىلساڭ سۇخەن، بول ھەر تەرەفدىن باخەبەر،
كەچەلەر ئاھىستە بول، يانىڭدا بىر بىدارىي بار.
خەندە قىلغان بىرلە ھەركىم سەن ئاڭا بولسا فىرىب،
گۇل ئاچىلغان بىرلە ئانىڭ يانىدا بىر خارى بار.
گۇل ئۈچۈن بۇلبۇل ھەمىشە جانىنى ئىيسار ئەتەر،
ئاقىبەت بۇلبۇلنىڭ ھەم بىر خاردىن ئازارى بار.
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
ئەي زۇمۇررەد، بىر خۇدادىن ئ‍ۆزگەنى تۇتما ئۈمىد،
ھەقدىن ئ‍ۆزگە قايدا بارساڭ بىر بۇزۇن دىيۋارى بار.
تەئ‍كىد
سەنەمنى دەردىنى دەفتەر قىلپ خەتكە بىتىپ بولماس،
ئانى ئەسرارىنى بىفەھىملەرگە شەرھ ئەتىپ بولماس.
جۇدالىق خەنجەرى بىرلە يۈرەكىم چاك-چاك بولدى،
يۈرەك زەخمىن ئاچىپ بىدەردلەرغە كۆرسەتىپ بولماس.
فەلەكنى ئەختەرىن قىلسا بولۇر دەردلەر ھىسابىنى،
يۈرەكىم زەخمىنى ھەرگىز ھىسابىنى بىلىپ بولماس.
ھۇۋەيدا، ھەر ئىشكىم بىمۇشەققەت بولماغاي ھاسىل،
مۇشەققەت تارتماغۇنچە يار ۋەسلىغە يەتىپ بولماس.
داستان
بىرىنچى داستان
كەل غەرىبجان، سەير ئەتەلى بىزلەر بۇ باغدا،
گۇللار كۆرسۇن بۇلبۇللارنىڭ تەماشاسىنى.
سەنىڭ ئۈچۈۈن ئەزىز جانىم بولسۇن سەدەقە،
كۆرگىل، سەنەم شەيدانىڭ تەماشاسىنى.
ئول خۇدايىم ياراتتى جەننەتۇل رىزۋان،
بۇ دۇنيادا نىئ‍مەتلەر بەردى مىڭ ئەلۋان.
لەيلى ئۈچۈن نەچە يىل يۈردى سەرگەردان،
مەجنۇن كۆرسۇن لەيلانىڭ تەماشاسىنى.
ئىشق ئوتى ئاشىقلارنى ئەيلەدى بەرباد،
ئاشىق-مەئ‍شۇق ئوت ئىچرە قىلدى مىڭ فەرياد.
بىسىتۇن تاغلارىنى قازدى ئول فەرھاد،
شىرىن كۆرسۇن فەرھادنىڭ تەماشاسىنى.
ئول خۇدايىم ھەر كىمگە سالدى بىر سەۋدا،
مۇھەببەتنىڭ بازارىدا تۈمەنمىڭ غەۋغا.
ئون ئىككى يىل ئاقتىلار دەريادا ئ‍ۇزرا،
ۋامىق كۆرسۇن ئۇزرانىڭ تەماشاسىنى.
غەرىب-سەنەم قوشۇلدىلار باغدا جەمئ‍ بولۇپ،
يۈرەكلەرى پارە-پارە، كۆزى نەم بولۇپ.
ئىككى ئاشىق بىر-بىرىگە يار ھەمدەم بولۇپ،
تاھىر كۆرسۇن زۆھرانىڭ تەماشاسىنى.
ئىككىنچى داستان
ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋەفاسى قالدىمۇ؟
قىلماغان جانغا ۋەفاسى قالدىمۇ؟
ئاتماغان سىينەمگە ئول پەيۋەستە قاش،
مىژگان ئوقى-قاشى ياسى قالدىمۇ؟
پارە بولغان كۆكسۈمە پەيكانىدىن،
قىلماغان يارنىڭ دەۋاسى قالدىمۇ؟
ئۆرتەنىپ ھەجرىدە كۈل بولماق بىلە،
جانۇ كۆڭلۈمنىڭ سەفاسى قالدىمۇ؟
جان فىدا قىلدىڭ دەر ئەردىڭ، ئەي كۆڭۈل،
بولماغان جانان فىداسى قالدىمۇ؟
يار كويىدا قەلەندەر بولغالى،
مەندىن ئۆزگە بىنەۋاسى قالدىمۇ؟
يار ھەجرىدە نىيازىي ئۆرتەنىپ،
تارتماغان جەبرۇ جەفاسى قالدىمۇ؟
چۈشۈرگە:
ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋەفاسى قالدىمۇ؟
قىلماغان جانغا جەفاسى قالدىمۇ؟
ئۈچىنچى داستان
ئۈستى قارلىق ئاپئاق تاغلار،
ئەھۋالىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
دۈشمەنلەرگە بەندە بولۇپ،
قالغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
نەزەر ئەيلەڭ كۆز ياشىمغا،
ھىچكىم كەلمەيدۇر قاشىمغا.
قامچى ياغىپ بۇ باشىمغا،
تۇرغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
قىرق يىگىتىم بارچە قالىپ،
ئۆزۈمنى مەن غەمگە سالىپ،
ئەھمەد بەگنى بىللە ئالىپ،
كەلگەنىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
يۇسۇف بەگ دەر: سىينەم داغلاپ،
ئەرمانىم كۆپ، مۇندا يىغلاپ.
ئات ئالدىدا قولۇم باغلاپ،
ماڭغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
تۆتىنچى داستان
فەلەك ئاشۇبىدىن كىم مەن كەبى زارۇ نىزارى ئولغاي،
جەھان زۇلمى، ئۇلۇس بىدادىن بىئىئ‍تىبار ئولغاي.
زىھى ئازادەئىيمەن ئىشق ئارا مەجنۇن ئەمەس ھەمراھ،
نە مەندە خانۇمانۇ نە ماڭا يارۇ دىيدار ئولغاي.
جەھان ئەھلىدىن ئەتمەك مۇددەئا مىھرۇ ۋەفا رەسمىن،
دەمەكتۇر مىھرى زەھرىدىن ھەياتىم ئۇستۇۋار ئولغاي.
فەنا دەشتى سارى تۈشمىش سەبۇرىي، دوستلار زىنھار،
دەمەڭكىم ئىختىيار ئەتمىش، ئاڭا نە ئىختىيار ئولغاي.
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
بىرىنچى ئاھاڭ
سەنسىز دەمى ئەي شوخ جەھان، كۆزلەرى جادۇ،
ھەر ئاھىم ئەرۈر چەرخى بايابانىدا ئاھۇ.
مەن سەرۋى قەدد ئارزۇسىنى ئەيلەپ چەكەدۇرمەن،
قۇمرى نە ئۈچۈن چەككۈسى سەرۋ ئ‍ۈستىدە گۇگۇ.
دانالار ئىلە ئۆتكەرۇ ئ‍ۇمرۇڭنى خۇش ئۆتكەر،
قىلغۇسى دىماغىڭنى مۇئەتتەر گۇلى خۇشبۇ.
يۈزىنى ئاچىپ، قىلغۇسى يەلدايىنى گۈندۈز،
سۇنبۇل ساچار ئافاقغا ئاچسا خەمى گىيسۇ.
ئىككىنچى ئاھاڭ
ئەي نۇر دىلودىيدە، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن،
ۋاي يارىي پىسەندىيدە، دىيارىڭا مۇشتاقمەن.
ئەي ماھى پەرى پەيكەر، ۋاي ھۇرى مەلەك مەنزەر،
ئەي لەئ‍لى لەبى شەكەر، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن.
ئەي دىلبەرى دىلدارىم، سەنسەن ئەبەدىي جانىم،
ۋاي يارى ۋەفادارىم، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن.
ئۈچىنچى ئاھاڭ
كىمكى ئول گۈلچىھرەنى ئۆزىگە مېھمان ئەيلەدى،
ئۆزىنى ئىسكەندەرۇ جەمشىدى دەۋران ئەيلەدى.
تا كەمەندى زۇلف ئىلە كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد،
يۈرەكىمنى ئۆرتەدى، باغرىمنى بىرىيان ئەيلەدى.
فۇرقەتۇ ھىجرانىغا ئول دىلبەرى سىيمىن بەدەن،
كۆزلەرىمنى ياشىنى لەئ‍لى بەدەخشان ئەيلەدى.
ئىككىنچى ئاھاڭ
ئەرزىمنى ئايتاي، شاھىم ئىشتكىل،
مىسكىن گەدامەن، دادىمغا يەتكىل.
قىلساڭ يىراقراق مۇندا ئۆزۈڭدىن،
ۋەسلىڭ سارىغا ئاندا ياۋۇتكىل.
سەندىن ئايىرغان دۇنيايى مەككار،
كۆڭلۈمنى ئاندىن ئەمدى ساۋۇتكىل.
专辑信息
1.拉克
2.且比亚特
3.斯尕
4.恰尔尕
5.潘吉尕
6.乌孜哈勒
7.艾介姆
8.乌夏克
9.巴雅提
10.纳瓦
11.木夏吾莱克
12.依拉克