歌词
چەببايات مۇقامى
مۇزىكىسى: خەلق
تېكىستى: خەلق
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
ۋىسالى ھەجرىدىن نالان كۆرەرمەن جانى زارىمنى،
ماڭا، يا رەب، نەسىب ئەتسەڭ نە بولغاي گۇلئۇزارىمنى.
نەچە بىرەھم ئىلكىگە بولۇپمەن مۇبتەلا ئاخىر،
ساۋۇرمىشلار ھەۋاغا ھەر گۈنى غەمكىن غۇبارىمنى.
تاپىپ ئىشقىم كەمال ئانداغكى روھى ۋامىقۇ فەرھاد،
كەلىپ پەرۋانە ياڭلىغ ئۆيرۈلۈر شەمئى مەزارىمنى.
كۆرۈپ ئەھلى تەماشا نەۋ باھارى لالەزارى دەر،
باغىر قانىن شەفەقگۈن ئەيلەگەن كاھى ئۇزارىمنى.
دەگىل بۇ ئۇمرى ئالەمدىن ۋەفانى كۆرمەدىم ھەرگىز،
بۇ دەھر ئىچرە نەفەس ئالغۇنچە بىلمەسمەن تۇرارىمنى.
ئەگەر گۇل پەردەدە بولسا، نەچۈك ئارام ئالۇر بۇلبۇل،
يۈز ئاچقىل، بىقەرار ئەتكىل، بۇ جانى بىقەرارىمنى.
نەچەكىم خەستە جاندۇرمەن مەيى لەئلىڭگە، ئەي ساقىي،
تەبەسسۇم جامىنى پۇر ئەيلەگىل، دەفئ ئەت خۇمارىمنى.
جەمالىڭدىن نەچە مەھرۇم ئولۇپ مەھزۇن يۈرۈي، جانا،
ۋىسالىڭ بىرلە مەمنۇن قىل دىلى ئۈمىدۋارىمنى.
بولۇرمەن شاد كۆكسۈم داغىنى قايغۇ قاناتقاندىن،
كۆرۈپ خۇرسەند ئولۇپ بىرەھم ئاچىلغان لالە زارىمنى.
ئەگەر ئەنقا ئالۇر بولسا نىشان، مەندىن نىشان تاپماس،
فەنا دەشتىدە نا پەيدا كۆرۈرمەن مەرغزارىمنى.
لىقا مۇمكىن ئەمەس تەجرىد ھاسىل قىلمايىن، ئەرشىي،
خەزان بەرگى كەبى بەرباد ئەيلەي ھەرنە بارىمنى.
تەئەززە
ئارەزىن ياپقۇچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش،
ئۆلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش.
قۇتى بىر بادامۇ دەيرىم گۇشەئى مىھراب ئەدى،
غارەتى دىن ئەتتىن ناگاھ بىر بەلالىق كۆزۈ قاش.
بۇ دەما-دەم ئاھىم ئىفشا ئەيلەر ئول ئاي ئىشقىنى،
سۈبھىنىڭ پات-پات دەمى ئانداغكى ئەيلەر مىھر فاش.
بۇ سەئى قىلماق مۇرۇۋەت ئەسرۇ قاتىقدۇر، ۋەلىك،
دەسەم ئاغزى ئىچرە ئايتۇر لەئل ھەم بار نەۋئى تاش.
ناۋەكىڭ كۆڭلۈڭگە كىرمەك جان تالاشماقمۇ ئىكىن،
كىم قىلۇر پەيكانىنى كۆڭلۈم بىلە جانىم تالاش.
قاشى ئالىندا نەۋائىي بەرسە جان، ئەيب ئەتمەڭىز،
كىم بۇدۇر مىھراب، بىر-بىر قويغۇسىدۇر بارچە باش.
ئۇمرى جاۋىد ئىستەسەڭ فەرد ئولكى بوستان خىزرىدۇر،
سەرۋكىم دەئب ئەيلەدى ئازادلىغ بىرلە مەئاش.
نۇسخە
دەرىغاكىم، مەنى تاشلاپ بۇگۈن ئول دىلرەبا كەتتى،
قالىپدۇرلار نەچە نائاشنا، ئول ئاشنا كەتتى.
نەسۇد ئەمدى ئەگەرچە بولسا چۇن خور مۇھرەلەر پەيدا،
نەتەي ئەمدى ئىككى ئەلەمنى، دۇررى بىبەھا كەتتى.
خۇشا بەزمى ۋىسالىدىن نەچە گۈن كامران ئەردىم،
بۇ گۈن مەھتاب ئەينىم تىيرە ئەيلەپ مەھلىقا كەتتى.
مۇستەھزادە
بىرىنچى ئاھاڭ
ئەي مەلاھەت كىشۋەرىنىڭ خەيلىغە سۇلتانمۇ سەن،
بىر باقىپ كۆڭلۈمنى ئالدىڭ ئافەتى دەۋرانمۇ سەن.
ئۆلتۈرۈرسەن، كۆيدۈرۈرسەن فۇرقەتىڭدە، ئەي پەرى،
يىغلاتىپ ھەم كۈلدۈرۈرسەن بىر بەلايى جانمۇسەن.
گۇل يۈزۈڭغە ئەندەلىب تەڭلىغ قىلىپ زار ئەيلەدىڭ،
گۇلمۇ سەن يا خارمۇسەن يا ھۇرمۇ سەن، غىلمانمۇسەن.
گۇل سىفەت گۇللۇقدا تۇرساڭ نەستەرىن بولغاي خەجىل،
كۆرمەدىم ھەر گىز مەلاللىقدا، لەبى خەندانمۇ سەن.
كۆرمەدىم بۇ فانىدا سەندەك مەلاھەتلىك كىشى،
يا پەرىسەن، يا مەلەكسەن، بىلمەدىم ئىنسانمۇ سەن.
ئىككىنچى ئاھاڭ
نەزاكەت بوستانىدا قەددىڭ سەرۋى خىراماندۇر،
مەلاھەت گۈلىستانىدا يۈزۈڭ گۈلبەرگى خەنداندۇر.
ساڭا كىم بىقەرار ئەرمەس، كۆرەي دەپ ئىنتىزار ئەرمەس،
جەمالىڭ ئافتابىغە ھەمە زەرراتى رەقساندۇر.
زەمان پۇر شورىشو، ئافاق پۇر فىتنە، جەھان ھاسىد،
خەلالىق كۆزلەرىدىن غەيىبدەك مەشھۇرىي پىنھاندۇر.
جۇلا
مەن سەنى كۆرۈپ جانان، غەمگە مۇبتەلا بولدۇم،
ئوت ياقدىڭ يۈرەكىمگە، ئاشق بىقارار بولدۇم.
نەقرات:
ياھۇ-يارەي، ئاللاھ يەي، بىر گۈل يارەي، ئاللاھ يەي،
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، جانانىمەي، ئاللاھ يەي،
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم.
ئايغا ئوخشايدۇر يۈزۈڭ،
چولپانغا ئوخشايدۇ كۆزۈڭ.
ئوخشايدۇر نەبات قەندگە،
شە سەنىڭ شىرىن سۆزۈڭ.
ئا، ياھۇ-يارەي، ئاللاھ يەي،
ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي.
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم،
جانانىمەي، ئاللاھ يەي.
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي،
ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم.
ئاي بولدى يىلمۇ بولدى،
سەنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەلى.
ئىنتىزار بولدۇم ئەجەب،
ئاي يۈزۈڭنى كۆرگەلى.
ياھۇ، يارەي، ئاللاھ يەي،
ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي.
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم،
جانانىمەي، ئاللاھ يەي.
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي،
ئاللاھ، ئاتىم سەمرىمەيدۇر،
ئەڭىز ئوتىدا.
يۈرەك-باغرىم پارە بولدى،
يارنىڭ ئوتىدا.
ئاللاھ، يارىم جەمالىڭدىن،
بولدۇم ۋىيرانە.
ئىشق ئوتى يامان ئەكەن،
قىلدى دىيۋانە.
ياھۇ، يارەي، ئاللاھ يەي،
ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي.
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم،
جانانىمەي، ئاللاھ يەي،
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي.
ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم.
سەنەم
دىلبەرا، ماڭا سەنىڭدەك يارۇ جانان قايدادۇر،
ساڭا ھەم مەندىك ئەل ئىچرە زارۇ ھەيران قايدادۇر.
خەستەيۇ بىمار ئولۇپ، يولۇڭدا ياتسام مۇدەۋار،
سورغۇچى ھالى غەرىبىن مەرھەمى جان قايدادۇر.
غۇنچە ياڭلىغ قان بولۇپ، ئىشقىڭ بىلە خامۇشمەن،
بول ھۇۋەيدادەك ساڭا باغرى تولا قان قايدادۇر.
چوڭ سەلىقە
بۇ گۇن ئايغە ئالتى دەيدۇر، ساناسام يەتتى،
بىۋەفاغا ئاشىق بولسام، تاشلادى-كەتتى.
تاشلاپ كەتسەڭ كەتكەنىڭنى ئۇنۇتماغايمەن،
ئەمدى كەلسەڭ سەن قاشىمغا يولاتماغايمەن.
يولاتمايمەن مەن قاشىمغا مۇڭلانىپ قالسۇن،
ئارفا، بۇغداي سامانىدەك سارغارىپ قالسۇن.
قانداق كىشى كەتەر ئىكىن يارىنى تاشلاپ،
مەيلى بولسا ئالىپ كەتسۇن بىللەلا باشلاپ.
كىچىك سەلىقە
بىرىنچى ئاھاڭ
كۆرگەلى ھۇسنۇڭنى زارۇ مۇبتەلا بولدۇم ساڭا،
نە بەلالىغ گۈن ئەدىكىم ئاشىنا بولدۇم ساڭا.
ھەر نەچە دەردىمكى گۈن-گۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل،
ۋاھكى، گۈن-گۈندىن بەدتەرراق مۇبتەلا بولدۇم ساڭا.
مەن قاچان دەدىم ۋەفا قىلغىل، ماڭا زۇلم ئەيلەدىڭ،
سەن قاچان دەردىڭ فىدا بولغىل، فىدا بولدۇم ساڭا.
قاي پەرى پەيكەغە دەرسەن تەلبە بولدۇڭ بۇ سىفەت،
ئەي پەرى پەيكەر، نە قىلساڭ قىل ماڭا، بولدۇم ساڭا.
ئەي كۆڭۈل، تەركى نەسىھەت ئەيلەدىم ئاۋارە بول،
يۈز بەلا يەتمەسكى، مەن ھەم بىر بەلا بولدۇم ساڭا.
غۇسسە چەنگىدىن نەۋائىي تاپمادىم ئۇششاق ئارا،
تا نەۋائىيدەك ئەسىرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا.
ئىككىنچى ئاھاڭ
پەردەغە كىرگەن كەبى خۇرشىدى رەخشان ھەر كەچە،
ئەزمى خىلۋەت ئەيلەر ئول شەمئى شەبىستان ھەر كەچە.
ئول كۈلۈپ ئەھباب بىرلە سۈبھىدەك، مەن شەمئۋار،
ئۆرتەنىپ كۆڭلۈم، تۆكەرمەن دۇررى غەلتان ھەر كەچە.
بىر قۇياش ھىجرانىدا ئۇريات تەنىم گەردۇن كەبى،
مىھر ئوتىدىن كۆرگۈزۈر مىڭ داغى پىنھان ھەر كەچە.
چەك، نەۋائىي، نالە، كۆز مەي بەرسۇنۇ باغرىم كەباب،
چۇن بولۇر ئول ئاي خەيالى بىزگە مىھمان ھەر كەچە.
ئۈچىنچى ئاھاڭ
ۋاھ، نە خۇشدۇر خەستەلىكدە كۆرسەلەر يارىم كەلىپ،
ياكى يالغۇزلۇقىدا ياندا تۇرسا دىلدارىم كەلىپ.
كەلسە غەمنىڭ لەشكەرى باشىمنى ئايلاندۇرماغا،
گۇفتەلىغ بولسا، يانىمغا ئول شەكەرخارىم كەلىپ.
قۇتۇلۇر ئەردىم بۇ غەمدىن، ئول دىلئارامىم كۆرۈپ،
ۋاھ، ئەگەرچەندكى قەتل ئەتسە دىلئازارىم كەلىپ.
بۇ كۆڭۈلنى بارچە غەملەردىن خەلاس قىلغاي ئەدى،
بىر نەزەر قىلماق بىلەن ئول شوخى خۇنخارىم كەلىپ.
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
نەچە ۋاقت ئەيلەپ تەھەممۇل، ئەي بىلال، بولغىل خەمۇش،
مەرھەممەت ئەيلەر سىتەم يەتكەندە غەمخارىم كەلىپ.
تەئكىد
ئىشق ئارا مەنمەن دەمى بىمىھنەتۇ غەم بوماغان،
جانىدىن مەھرۇم ئولۇپ، جانانغا مەھرەم بولماغان.
يۈز ۋەفا ئەيلەپ، جەفادىن ئۆزگە نەفئى كۆرمەگەن،
مىڭ جەفا كۆرۈپ، ۋەفاسى زەررەئى كەم بولماغان.
ئەي نەۋائىي بىلكى تاپماس لەئلىدىن قۇتى ھەيات،
جاننى تەسلىم ئەيلەمەكلىككە مۇسەللەم بولماغان.
داستان
بىرىنچى داستان
كۆكسۈمنى چاك ئەتىپ قانلار يىغلادىم،
كەسىپ-كەسىپ قارا باغرىم تۇزلادىم.
ئەرزى ھالىم بىردىن-بىردىن سۆزلەدىم،
رەھىم كەلىپ بىزگە نىگاھ ئەيلەدى.
كۆپ جەفالار باغىڭە كىردىم،
باغبان بولۇپ ئالما، نارىن تەرمەدىم،
شۇكر لىللھ يەنە جەمالىڭ كۆردۈم،
تەڭرى سەنى بىزگە ئەتا ئەيلەدى.
بەلالاردىن قاچىپ كىردىم دەرياگە،
ھەر زەمان ئۇچرادىم تۇرلى جەفاگە.
قۇلاق سال، دىلبەرا، ئۇشبۇ سەۋداگە،
بىزگە بۇ قىسمەتنى خۇدا ئەيلەدى.
سەنسەن سەنەۋبەرنى ۋەفالىق يارى،
ساڭا فىدا بولسۇن جانى ئەفگارى.
مۇختەسەر ئەيلەسەم ئۇشبۇ دەفتارى،
بىۋەفا دۇن كىمگە ۋەفا ئەيلەدى.
ئىككىنچى داستان
نەمايان ئولدۇڭ، ئەي دىلبەر، يۈزۈڭنى ئافتاب ئەيلەب،
قارا كاكۇل بىلە زۇلفى پەرىشانىڭ نىقاب ئەيلەب.
لەبىڭ خالىنى كۆرگەچ، تەن ئۆيىدە ناتەۋان كۆڭلۈم،
قۇشىدۇركىم قەفەسىدە تەلپىنىپ كۆپ ئىزتىراپ ئەيلەب.
جەمالىڭ دەفتەرىدىن نۇكتەئىنى شەرھ ئەتە ئالمان،
يىلى ئۇمرۇم ئىچىدە، ئەي پەرى، يۈز مىڭ كىتاب ئەيلەب.
ۋەفا ھەرفىنى سورغاندا ماڭا سەن تازە جان بەردىڭ،
مەسىھا لەبلەرىڭ ئىئجازىن گويا جەۋاب ئەيلەب.
سەھەر تۇرفە چەمەندە گۇل بىلە تەنھا شەراب ئىچتى،
ئەجايىپ باغبانى سىينەئى بۇلبۇل كەباب ئەيلەب.
ھەقىقەتەن جىلۋەگەردۇر، دەر ھەقىقەت ياشۇرۇپ بولماس،
مەجاز ئەھلى زەلىلىي تەلبەگە مۇنداق قەباب ئەيلەب.
ئۈچىنچى داستان
باغبان بولۇپ باغىڭ ئىچرە،
تەرسەم تازە گۇللارىڭنى.
ئىگەم سەنى خۇش ياراتمىش،
ئەگسەم نازۇك بەللەرىڭنى.
مەنى سورساڭ ئۇشبۇ دەمدە،
رەنگىم سارىغ، كۆزۈم نەمدە.
ئاي يۈزۈڭگە تۇتما پەردە،
تەرھىنالە قوللارىڭنى.
مەڭزىڭ ئەسلى لالەدۇر،
باقىشىڭ جاننى ئالادۇر.
لەبىڭ ئالتۇن فىيالەدۇر،
ئىچىپ قانسام باللارىڭنى.
سەھەر قوپۇپ ساچىڭ تارا،
گۇل يۈزۈڭگە رومال ئورا.
رەقىب يۈزى بولسۇن قارا،
بىلىپ يولسام يوللارىڭنى.
تۆتىنچى داستان
ئارادىن ھىچ سۆز كەچمەيىن،
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟
مەنىڭ گۇلۇم ئاچىلمايىن،
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟
ئانامنىڭ خىزمەتىن قىلماي،
كەفەن سوراغىدا بولماي.
ئۆز قولۇڭدا گۆرگە قويماي،
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟
بىزگە دۇنيا زىندان بولدى،
كىيگەنىمىز كەفەن بولدى.
ئىچكەنىمىز زەھەر بولدى،
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟
گۈلجامالنى كۆپ زارلاتىپ،
يۈرەكىن ئوتقا داغلاتىپ،
بەختى قارانى قان يىغلاتىپ،
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
قىلدى ئول ئاي ئالىدا ئاشىقلىغىم ئىزھارىنى،
مەن ئاڭا سىررىم دەدىم، بىلمان ئانىڭ ئەسرارىنى.
كۆز قاراسىن ھەل قىلىپ، ئول ئايغا يازغۇم نامەئى،
بارى بۇ تەزۋىر ئىلە كۆرگەي كۆزۈم رۇخسارىنى.
كۆزىدىن تا جانغا يەتمەي لەئلىدىن بەرمەس ھەيات،
ئول مەسىھ ئۆلدۈم دەگەندە تىرگۈزۈر بىمارىنى.
ھەيفدۇركىم، رىشتەئى تەسبىھ قىلغاي ئەھلى زۇھد،
كۇفر زۇلفى ئىچرە ئۆلگەن زۇلفىنىڭ زۇننارىنى.
تۆكمە جامىنكىم، بەلا سىيلى جەھاننى بۇزماسۇن،
مەست كۆرسەڭ، زاھىدا، دەيرى فەنا خەممارىنى.
ئەي نەۋائىي، شەۋقىدىن ئۆلسەم، ئىبارەت قىلغاسەن،
تۇفراغىم بىرلە مۇھەببەت كويىنىڭ دىيۋارىنى.
سەنى ئۇششاق كۆڭلىن غارەت ئەتكەچ، دىلرەبا دەرلەر،
مەنى سەن شوخ دامىغا ئەسىرۇ مۇبتەلا دەرلەر.
سەنى قەسرى جەمالى ھۇسن ئۆزرە شاھى مەھرويان،
مەنى رۇسرايى ئىشقىڭ كوچاسىدا بىر گەدا دەرلەر.
ئەجەب قەمىدۇر ئەسھابى رىزا بىرلە ۋەفالاركىم،
بەلا تىغى باشىدا سايەئى بالى ھۇما دەرلەر.
ئىككىنچى مەشرەب
بىرىنچى ئاھاڭ
ئەي پەرىزادى زامانىم، جان بىلە قۇل مەن ساڭا،
گۇلشەنى ھۇسنۇڭداقى بىر دەستە سۇنبۇل مەن ساڭا.
ئەي گۇلى گۇلزارى جەننەت دىلبەرى ساھىب جەمال،
گۇل يۈزۈڭنىڭ ئوتىدا بىر خەستە بۇلبۇل مەن ساڭا.
قىل قەلەندەرغە، نىگارا، لۇتفدىن بىر ئىلتىفات،
مۇددەتى بولۇپدۇرۇر، ئەي دىلرەبا، قۇلمەن ساڭا.
ئىككىنچى ئاھاڭ
ئەرزىم ئىشتكىل، ئەي با لەتافەت،
قىلغىل تەھەررۇم ئەيلەپ شەفائەت.
دەردى بەسى كۆپ، ھەددىدىن زىيادە،
دايىم كۆرەرمەن ئەلدىن مەلامەت.
مەن زارىغا كىم يارى ۋەفاسىز،
دىلخەستە قىلدى ئەيلەپ زەافەت.
فەقرى بىلالىي قىلغىل دۇئايى،
يارغا يەتەرسەن بولساڭ سەلامەت.
专辑信息