歌词
چەھەرگاھ مۇقامى
مۇزىكىسى: خەلق
تېكىستى: خەلق
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
كۆرۈپ گۇلتەك يۈزۈڭ رەنگىن كۆزدىن يۈز چەمەن بولدى،
ئەقىق ئەرنىڭنى كۆرگەلى كۆزۈم ھالى يەمەن بولدى.
تۈن ئاقشام تولغانۇ سۇنبۈل بىكىن زۇلفۇڭدىن ئاھ ئۇردۇم،
ھەۋانى غالىيە تۇتتى جەھان مۇشكى خوتەن بولدى.
قىلىپ رەئ‍نا قەددىڭ يادىن سەھەردە ئانچە يىغلادىم،
كۆزۈمنىڭ جويبارى ئىچرە سەرۋى نارۋەن بولدى.
مەنىڭتەك گوييا كۆردى يۈزۈڭنى ئەبرى نەۋروزى،
كۆزىنىڭ ياشىدىن يەر يۈزى ۋەردى ياسۇمەن بولدى.
سەبا زۇلفۇڭنى تاغتتى، مەگەر ھالى خەيالىمدا،
يازىلدى ئەژدىھا بولدى، ئورالدى ئەھرەمەن بولدى.
كۆرەدۈر گەچ كۆزۈڭ، كۆڭلۈم سەنىڭ زۇلفۇڭغا باغلاندى،
كۆرۈڭ ئول جادۇدىن بۇ ھەم يەنە بىر ئۆزگە فەن بولدى.
ئەگەر شىرىن ئۈچۈن فەرھاد ئىشقى كوھكەن بولسا،
نە تاڭ سەككاكى ھەم، جانا يولۇڭدا جانكەن بولدى.
تەئەززە
كۆڭلۈم ئۆرتەنسۇن ئەگەر غەيرىڭغە پەرۋا ئەيلەسە،
ھەر كۆڭۈل ھەمكىم سەنىڭ شەۋقۇڭنى پەيدا ئەيلەسە.
ھەر كىشى ۋەسلىن تەمەننا ئەيلەسەم، نەۋمىد ئۆلەي،
ھەر كىشى ھەكىم سەنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەسە.
ئۆزگەلەر ھۇسنىن تەماشا ئەيلەسەم، چىقسۇن كۆزۈم،
ئۆزگە بىر كۆز ھەمكى ھۇسنۇڭنى تەماشا ئەيلەسە.
غەير زىكرىن ئاشكارا ئەتسە، لال ئولسۇن تىلىم،
قايسى بىر تىل ھەمكى زىكرىڭ ئاشكارا ئەيلەسە.
رەشكدىن جانىغا ھەر نەگىس كۆزى بىر شۆئ‍لەدۇر،
باغ ئارا ناگاھ خىرام ئول سەرۋى رەئ‍نا ئەيلەسە.
يوق ئاغىزىدىن نۇكتە ئايتۇر مەھۋەشىمدەك بولماغاي،
گەر قۇياش ھەر زەررەسىدىن بىر مەسىھا ئەيلەسە.
ئاقىبەت جانىمغا يەتتى، ئەي خۇشا مۇغكىم، مەنى،
بىر قەدەھ بىرلە جەرابات ئىچرە رۇسۋا ئەيلەسە.
كەلتۈرۈڭ دەفئى جۇنۇنۇمغە پەرىخان، يوق تەبىب،
كىم ئول ئەنسەبدۇر پەرى ھەر كىمنى شەيدا ئەيلەسە.
سۈھىدەك ھەر دەمدە گەردۇن قويماغاي ئاسارىنى،
ناگاھ ئەھلى سىدق كۆڭلى مىھرىن ئىفشا ئەيلەسە.
دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم،
گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە.
تەئەززە چۈشۈرگىسى
دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم،
گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە.
نۇسخە
ياشۇرۇن دەردىمنى زاھىر قىلدى ئەفغان ئاقىبەت،
ئاسراغان سىررىمنى يايدى سىيلى مىژگان ئاقىبەت.
ياشۇرۇپ ئەردىم باغىر چاكىنى، ۋاھكىم، قىلدى فاش،
ھەر تەرەف كۆزدىن تەرەششۇھ ئەيلەگەن قان ئاقىبەت.
تىغى ھەجرىڭدىن نىھان كۆكسۈم شىكافىن، ئاھكىم،
ئەلگە رەۋشەن ئەيلەدى چاكى گىرىبان ئاقىبەت.
ۋايكىم، كۆكسۈم شىكافىدىن ئۇلۇسقا بولدى فەھم،
ئ‍ىشق ئوتى باغرىمغا قويغان داغى پىنھان ئاقىبەت.
شەۋقىدىن دەم ئۇرمايىن، بىدادىغا خۇرسەند ئەردىم،
ۋاھكى، بولدۇم ھەجرىدىن رۇسۋايى دەۋران ئاقىبەت.
گەر بۇدۇر كافىر كۆزۇ زۇننار زۇلفى، ئەي فەتىھ،
بولغۇدەكمەن دەير ئارا مەستۇ پەرىشان ئاقىبەت.
ئىشق كويىدا جۇنۇنۇمنى مۇنادى ئەيلەدى،
ھەجر تاشىدىن مۇنەققەش جىسمى ئوريان ئاقىبەت.
دەھر بوستانى ئارا سەركەش نىھالى كۆرمەدۈك،
سايە يەڭلىغ بولماغاي يەر بىرلە يەكسان ئاقىبەت.
ئەي نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىدىن،
ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت.
نۇسخە چۈشۈرگىسى
ئەي نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىن،
ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت.
مۇستەھزادە
تۈن ئاقشام بولدى-يۇ، كەلمەس مەنى شەمئى شەبىستانىم،
بۇ ئەندۇھ ئوتىدىن ھەر دەم كۆيەر پەرۋانەدەك جانىم.
نە غەم كۆرگۈزسە كۆكسۈم پارەسىن چاكى گىرىبانىم،
كۆرۈنمەس بولسا كۆكسۈم يارەسىدىن داغى پىنھانىم.
غەمىدىن دۇررى مەكنۇندەك سىرىشكىم ئاقتى جەنھۇندەك،
مۇزەييەن قىلدى گەردۇندەك جەھاننى ئەشكى غەلتانىم.
فەلەك ھەم تولدى كەۋكەبدىن، قۇياش ھەم تۈشتى ئەشھەبدىن،
كەلىپ تۈشمەس بۇ مەركەبدىن، مەنىڭ خۇرشىدى رەخشانىم.
جەھاننى زۇلمەت ئەتتى چەھ، بۇ زۇلمەت ئىچرە ئۆلگۈم، ۋاھ،
ماڭا بولساڭ نە خىزرى روھ، نەتىپ ئەي ئابى ھەيۋانىم.
دەمە كۆكتىن قۇياش كەتمىش، فەلەككە تىيرەلىك يەتمىش،
ئول ئ‍اي ھەجرىدە يار ئەتمىش فەلەكنى دۇدى ئەفغانىم.
مۇستەھزادە چۈشۈرگىسى
نەۋائىي كەبى ھىجراندىن بۇ ئاقشام ئۆلدۈم ئەفغاندىن،
غەمىم يوق بولسا يۈز جاندىن، يەتىپ گەر كەلسە جانانىم.
سەنەم
چىقتى ناگاھ مەھۋەشى رەنگىنى گۇلنار ئەيلەگەچ،
ھەلقە-ھەلقە زۇلفىنى بويغا زۇننار ئەيلەگەچ.
ئىككى جادۇ كۆزلەرىگە ئەھلى ئەلەم بەندەدۇر،
ئىسمى ئەئ‍زەم ساچلارى بوينىدا تۇرمار ئەيلەگەچ.
پىستە ئاغزىنىڭ ئىچىدە تىشلەرى دۇردانەدۇر،
سۆزلەرى قەندىن لەزىز، شىرىن گۇفتار ئەيلەگەچ.
ناگاھان كۆردۈم تۈشۈمدە ئاي يۈزىنىڭ شەۋقىنى،
ئول زەمان يانىمدا يوق، ئۇيقۇمنى بىيدار ئەيلەگەچ.
چوڭ سەلىقە
كۆردۈم يۈزۈڭنى دىيۋانە بولدۇم،
ئەقلۇ ھۇشۇمدىن بىيگانە بولدۇم.
تارتىپ جەفايىڭ ئۆلسەم يولۇڭدا،
يانماسمەن ھەرگىز مەردانە بولدۇم.
بولدۇم جەھاندا رۇسۋايى ئەلەم،
ياخشى، يامانغا ئەفسانە بولدۇم.
كەۋسەر شەرابى يادىمغە كەلمەس،
لەئ‍لىڭ غەمىدىن مەستانە بولدۇم.
ئىشقىڭ مەيىگە پۇر بولدى جىسمىم،
ھەم ساقىي ھەم مەي، پەيمانە بولدۇم.
بىر قەترە ئەردىم، چۆكتۈم تەڭىزگە،
كىردىم سەدەفكە دۇردانە بولدۇم.
تەگدى كۆزۈڭدىن ھەر دەمدە مىڭ ئوق،
ئەۋۋەل ئەدىم دەشت، گۈلخانە بولدۇم.
بىر نەچە يىلدۇر ياردىن جۇدامەن،
بىلمەس ئۆزۈمنى، ئايا، نە بولدۇم.
كىچىك سەلىقە
يارنىڭ كوچىدا مەن دىيۋانە بولدۇم ئاقىبەت،
خەلق ئاراسىدىن چىقىپ بىيگانە بولدۇم ئاقىبەت.
كەلمەگەي ئەلەمگە سەندەك مەھۋەشى، ئى نازەنىن،
ئىشتىياقىڭ كەيفىدە مەستانە بولدۇم ئاقىبەت.
ئەلگە ئىشرەت باغىدا خۇرۇملىقۇ دىلشادلىق،
مەن غەرىبىڭ غەم بىلە ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت.
بىر زەمان يوقتۇر ماڭا ئارام ئىلە سەبرۇ قەرار،
ئاي يۈزۈڭنىڭ شەمئىغە پەرۋانە بولدۇم ئاقىبەت.
ئىكى شەھلا كۆزلەرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد،
چۇغز يەڭلىغ مەسكەنى ۋىيرانە بولدۇم ئاقىبەت.
ئەي يارانلار، يارنىڭ ۋەسلى مەنى قىلدى خۇمار،
مۇتتەسىل ئاستانەئى مەيخانە بولدۇم ئاقىبەت.
ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ،
نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت.
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ،
نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت.
تەئ‍كىد
سوراپ كۇلبەم سارى كەلدى مەنى ئول شوخ ياد ئەيلەب،
غەمىن كۆڭلۈمنى ھىجران غۇسسەسىندىن ۋاھكى، شاھ ئەيلەب.
专辑信息
1.拉克
2.且比亚特
3.斯尕
4.恰尔尕
5.潘吉尕
6.乌孜哈勒
7.艾介姆
8.乌夏克
9.巴雅提
10.纳瓦
11.木夏吾莱克
12.依拉克