歌词
راك مۇقامى
مۇزىكىسى: خەلق
تېكىستى: خەلق
بىرىنچى بۆلۈﻡ: چوڭ نەغمە قىسمى
مۇقەددىمە
سەتارىم تارىغە جان رىشتەسىدىن تار ئىشىپ سالسام،
ئانىڭكىم نالەسىدىن |:بىناۋانىڭ:| كۆڭلىنى ئالسام.
مۇقام چالىپ مۇقام ئىچرە مۇقامنى دىلغا جاھ قىلسام،
مۇھەببەت كويىغە سالسا |:ئانىڭ:| ئالدىدا مەن چالسام.
مۇقاملارنىڭ ئاتاسىنى يۈسەينۇ ھەم ئـەجەم دەرلەر،
ئۇلاردىن يۇقارى كىم پەردەئى بايادنى مەن چالسام.
بايادى ھەقتەئـەلا يادىدا چالسام پەيا پەيكى
كى كۆڭۈل بىناۋا بولغانىنى بىلسەم نەۋا چالسام.
(ۋاي) ئارالاپ چالسام ئوششاقنى غەزەلنى راكقا يەتكۈرسەم،
شەبىستانۇ سەھەرلەردە مۇشاۋرەك پەنجىگاھ چالسام.
ئىراقۇ،چەببىيات |:ئۆزھالدا:| پەيزىكىم يىتەر بولسا،
تىلەپ خۇرشىدى ۋەسلى |:سۈبھىدەمدە:|(ۋاي)چارىگاھ چالسام.
يىتىپ ۋەسلىڭگە ھىممەتنىڭ جۇدالىق تاغىدىن ئۆتسەم،
ئىچىپ ۋەسلىڭ شارابىدىن قىلىپ تەڭكەش سىگاھ چالسام.
(ۋاي)كەل ئى مەشرەپ قەدەھ سۇنغىل بولايلى مەستىمۇستەغرەق،
بىر ئىلكىمگە ساتايۇ،بىر ئىلكىمگە جامۇ مەي ئالسام.
(مەشرەپنىڭ)
ۋاي |:بىر ئىلكىمگە:| سەتايۇ بىر ئىلكىمگە
جامۇ مەي ئالسا ،دوست يارەي.
تـــەئـەزە
(ئايارەي) غەيرى نەقشىدىن كۆڭۈل|:جامىدابول:| سا زەڭگى غەم.
|:يوقتۇرئـەي:||:ساقى مەيى:|ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا :||
سېنىڭا |:دەردىڭ :| يامان، ساقى مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
|:ئـەشرۇ قەتمىن:| ئـەكسى||: شەم:|سىل كەئ:||سى ئـەن،
شەمسۇل|:كەئ:|سى ئـەنۋارۇلھۇدا،
(ئا)يارى|:يارى ئـەكسىن:|مەيدە كۆر|:كۆردەپ جام:|ىدىن چىقتى سەدا،
|:ۋاي جامىدىن:| چىقتى سەدا،
(جانىمەي يارەي سېنىڭغىنا دەردىڭ يامان كۆردەپ جامىدىن،
كۆردەپ|:جا:|مىدىن چىقتى سەدا.)
||:(ۋاي)|:ئـەي خوش ئول:| مەيكى|:ئاڭا:|زەرپ ئولسا بىر سۇنغان ساپال:||
جام ئولۇر گېتى |:نەما:|:(ئا2-)جەمشىد:|ئانى جەشىد ئانى ئىچكەن گەدا،
ئايارەي ئا جەمشىد ئانى ئا |:جەمشىد:| ئانى ئىچكەن گەدا.
(ۋاي)جامۇ مەي گەر بۇيىلەدۇر |: ئول جام ئۈچۈن:| قىلسا بۇلۇر،
|:(ۋاي2-)جامۇ مەي:|گەربۇيىلەدۇر|:ئول جام ئۈچۈن:|قىلسا بۇلۇر،
يۈز جاھان ھەردەم |:نىسار:|:(ئا2-)ئول مەي:|ئۈچۈن،
ئولمەي ئۈچۈن مىڭ جان پىدا،
ئايارەي ئا ئول مەي ئۈچۈن |:(ئا1-)ئول مەي :| ئۈچۈن مىڭ جان پىدا.
(ۋاي)دەير ئارا ھۇش ئـەھلى |:رەسۋا:|بولغانى،رەسۋابولغانى ئـەي مۇغبەچە،
|:(ۋاي2-)دەھىرئارا:|ھۇش ئـەھلى|:رەسۋا:|بولغانى،
رەسۋابولغانى ئـەي مۇغبەچە،
جامۇ مەي تۇتساڭ |:مېنى:|:(ئا2-)دىۋا:|نىدىن،دىۋانىدىن قىل ئىپتىدا.
ئايارەي ئا دىۋانىدىن ئا |:دىۋا:|نىدىن قىل ئىپتىدا.
||:تاكى ئول |:مەيدىن:|كۆڭۈلجامىدابولغاچ ئا جىل،بولغاچ جىلۋەگەر:||
|:چېھرەئى مەقسۇد:| مەھۋە ئايارەي|:ئولغاي ھەم ئول :|دەم مائـەدا،
ئا |:ئولغاي ھەم ئول:|دەم مائـەدا.
تـــەئـەزە 2-
ساقىيا مەي تۇتماغان خۇنابە ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەدەڭ مەي ئـەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
ئـەيكى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل پىدا،
مۇنى سور ئـەۋۋەلكى ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يېقىلدىم ئـەي ر ەفىق
تەڭرىچۈن ئـەيتكى ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ ؟،
ئـەي كۆڭۈل بۇ گۈلشەنىدىن ئـەتراپقا باقكىم غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەم ئـەيلەدى بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئـەي نەۋائى قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن كۆركى بار،
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئـەتتى بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
(نەۋائىنىڭ)
ھالۇ ئـەھۋال ئۆزگەچە ئـەۋزائى ئـەتۋار ئۆزگەچە،
گۈپتى-گۈپتار ئۆزگەچە ئـەفئالۇ كىردار ئۆزگەچە.
خادەمى خەيلى ھەشەمنى كارۇ بارى ئۆزگەچە،
تابۇئى مەتبۇئىلارغا رويى دىدار ئۆزگەچە.
پىرۇ مۇخلىس ئۆزگەچە،ئۇستازۇ شاگىرت ئۆزگەچە،
مەسنەدى ئىرشاد تەختۇ سەلتەنەت جار ئۆزگەچە،
ھەم ئىرادەت،ھەم ئىنايەت تاۋىردى ئـەزكار ئۆزگەچە.
پىرىشەشھال ئۆزگەچە،ھالى مەلاقەت ئۆزگەچە،
ئىلتىپاتى خەيرىبات سادىقىغە يار ئۆزگەچە.
(سادىقىنىڭ)باياز
نــــۇســـخا
چەككەندە نەققاش قەزا ئول سەرۋى گۈلرۇخ سۈرەتىن،
گويا بىگەنمەي تاشلامىش تەرەھ ئـەيلەپ ئاي،كۈن ھەيئـەتىن.
تا جىلۋە قىلدى ئول سەنەم لەيلى سۆزى بولدى ئـەدەم،
سەۋدام ئوتى چەككەچ ئـەلەم پەست ئـەتتى مەجنۇن شۆھرەتىن .
رۇخسار ئاچىپ ئول سىيىمبەر تا قامەتىنى ئـەيلەپ جىلۋەگەر،
ئۈزدىيۇ كەتتى سەربەسەر گۈل رەغبەتىن سەرۋى ئۈلپەتىن .
كۆڭلۈم يۈزىن بىچارەسى ،جانىم لەبىڭ خۇنخارەسى،
سور ئـەي جاھان ئـەييارەسى گاھى ئالارنىڭ ھالەتىن .
تەقۋا ئىۋى ھەمۋار ئىرۇر ،سۈبھىم ئىپى زۇننار ئىرۇر،
ئول كۈلبەئى خەممار ئىرۇر ،تا كۆردۈم ئول چىن ئۈلپەتىن.
جەننەتقە قىلماسمەن نۇزۇل،ئول كۈي ئارا تاپسام ۋۇسۇل،
دەۋزەخنى ئـەيلەرمەن قەبۇل ئـەمما يوق ئانىڭ فۇرقەتىن .
ئـەيلەپ سەلاسىل ئارزۇ ئارتار جۇنۇنۇم مۇبە-مۇ ،
ناگاھ نەسىمى مۇسكىبۇ يەتكۈرسە زۇلمۇڭ نەكھەتىن.
ئىش سىرىن ئاياكىم بىلۇر بۇ مۈشكىل ئاچىلۇر،
ۋەھكىم بۇ غەم مۇھلىك قىلۇر ھەر لەئزە كۆڭلۈم ھەيرەتىن.
بولغىل نەۋائى روبەرەھ قىلغىل پەنى كۇيى پەنەھ ،
تەرك ئـەيلە زوھۇرۇ خانىقەھ ،قىل دەھىر پىرى خىزمەتىن.
(نەۋائىنىڭ)
نــۇســخا2-
كۆرمەدىم سەندەك جاھاندا مەئۋەشى دىلدارىنى ،
دىلبەرى شىرىن زەبانۇ شوخى گۈل رۇخسارەنى .
ئـەي پەرىزادى زەمانىم بىبەھا قەدرىڭ سېنىڭ ،
تاجىسەر قىلسام ياراشۇر ساڭا ئوخشە يارىنى .
گەر مۇسۇلمانزادە بولساڭ قىل قەلەندەرغە كەرەم.
جەۋرى زۇلمۇڭ بىرلە ئۆلتۈرمەگىل بۇ زارەنى .
ئاشىق ئـەرسەڭ ئـەي قەلەندەر كېچە-كۈندۈز دەرد ئىلە،
بۇلبۇل ئوخشە قىل ئوشۇل گۈل ۋەسفىغە گۈفتارىنى .
(قەلەندەرنىڭ)
مۇستتەھزاد
يوقتۇر بۇجەھان ئىچرە بىر مەن كەبى ئـەۋۋارە،
ھەم بىسەرۋۇ سامانمەن ھەم ئاجىزۇ بىچارە .
غەم خەيلى ئاياغىدا جىسمىم چۇ غۇبار ئولدى،
تۇفانى بالا قىلدى تۇفراغ بىلە ھەمۋارە .
باشىمغا بالا تاشى ياغدۇردى سىپھىر ئانچە ،
ھەر بىر ساچىم ئورنىدا يۈزيارە،ئۆزرە يارە .
ئالەم ئارا بىدادى بىر زەررە ئـەمەس خالى،
ھەر ئانچە جەپا ئولسە قىل ماڭا ھەر بارە .
كۆڭلۈمغە شىكەست بەردى نا ئـەھلىنىڭ ئازارى،
بۇ شىشەئى نازۇكنى سۇندۇردى ئوشۇل خارە .
كۆز سالما ئـەرۇسى دۇن رۇخسارىغە ئـەي مەھزۇن ،
ھەركۈن نەچە سەندەكنى ئازغۇردى بۇ مەككارە .
(مەھزۇننىڭ)
ئابۇ چەشمە
مېنىڭ كۆڭلۈمكى گۈلنىڭ غۇنچەسىدەك تەھ-بەتەھ قاندۇر،
ئـەگەر يۈزمىڭ باھار ئولسا ئاچىلماغى نە ئىمكاندۇر.
ئـەگەر ئول قاشى ياسىز باغ گەشتىن ئارزۇ قىلسام ،
كۆزۈمگە ئوق دۇرۇر سەرۋى گۈلگۈنگە غۇنچە پەيكاندۇر.
ۋىسالى ئـەززەتىن روھ تابماغلىق ئىرۇر دىشۋار،
فىراقى دەشتىدە تىيرە يوقسە جان بەرمەگلىك ئاساندۇر.
باشىدىن ئـەۋرۇلدۇ ئـەرمانى بىرلە ئۆلدۈم ئـەي بابىر،
مېنىڭ نەڭشىمنى بارغىل ئول پەرى كويىدىن ئايلاندۇر.
(بابىرنىڭ)
جـــۇلا
شوخ ئىككى غەزالىڭنى ناز ئۇيقۇسىدىن ئويغات،
تا ئۇيقۇلارى كەتسۇن گۈلزار ئىچىدە ئوينات .
كۈلبەمغە خۇي ئـەفشان كەل زۇلمۇڭ قىلىپ ئاشۇفتە،
ئـەنجۈم سىفەھىن سىندۇر ئافاق ئۇلىسىن قوزغات .
(نەۋائىنىڭ)
سـەنـەم
ئارەش قۇياشىن ئاچىپ ئـەشكى قۇرىغان كۆزنى،
كۆپ ھەجرىدە يېغلاتتىڭ بىر ۋەسلىدە ھەم يېغلات.
بىر ئاھ ئىلە كۈل بولدۇم ئـەي چەرخ تىلەپ تاپىپ ،
فەرھاد ئىلە مەجنۇنغا ئاشىقلىق ئىشىن ئۈرگەت.
بەزم ئىچرە نەۋائى كۆپ يېغلار ئېسە ئـەي ساقى،
ھۇش ئېلىتكۈچى دارۇنى جامىغە ئانىڭ چايقات.
(نەۋائىنىڭ)
چوڭ سەلىقە
سېنىڭ جانىڭ مېنىڭ جانىم بىرجان ئـەمەسمۇ؟
سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جانىم قۇربان ئـەمەسمۇ؟
سېنى دىدىم،سېنى دىدىم، كەچتىم بۇ جاندىن،
يۈرەك باغرىم پارە پارە كۆز ياشىم ئاندىن .
ھەرتاللاردا سەرتاللا،شاخ شېخىدا مارجانلا،
بىزنى يامان دىگەنلەر ھەر كوچىدا ۋەيرانلار.
قىزارىپ تەنگە سىغماسمەن مەگەر كۆرسەم جامالىڭنى،
جاھان ئـەھلىگە بەرمەسمەن سېنىڭدەك جورىخارىمنى .
يارنىڭ يۈلىگى ياردىن يارى بولمىسا قايدىن ،
غۇنچە بويلارى زىلۋا شىرىن سۆزلەرى ئاندىن.
يارىمنىڭ بويى زىلۋا ،زىلۋا بويىدا گۈل بار،
(خەلق قوشاقلىرى)
كىچىك سەلىقە (1)
||:يەنانى:|:چېھ :|رىگە ئوت سالدى ۋەھكى ھەيرانىمەن:||
|:يانانى تەر :| زەنى يەل ئاچتى |:ئاچتىكىم پەرىشانمەن:||
||:ئۇچۇرغىل ئـەي :|قۇيۇن |:ئول ئاي بېشى:|دىن ئايلىناي:||
|:بۇدەمكى كو:| يىدا |:تۇپراق بىلە:|يەكسانمەن،تۇپراق بىلە يەكسانمەن.
||:چۇ بىلمەي :| ئـەلگە ۋەپا ئـەيلەدىم |:جەپا:| كۆردۈمەي:||
|:نە پايدا:|ئـەمدى ئـەگەر|:نەچچەكىم:|پۇشايمانمەن،نەچچەكىم پۇشايمانمەن
|:ئـەل ئىچىدىن:| قېچىپ دەشتى سارى:| يۈزلەندىم،
|:ئـەل ئىچىدىن:|قېچىبان دەشتىسارى|:يۈز:|لەندىم ئايارەي
|:رەقىبلەر بىلىڭىز:| ۋەھشى بايا |:ۋەھشى باياۋانمەن:|
(نەۋائىنىڭ)
( 2)
||:ھەيھاتىكىم بىراۋ غەمىدىن زارىمەن يەنا ۋاي ئايارەي:||
||:ئا|:پەريا:|دىكىم بەلاغا گىرىپتارىمەن يەنا :||
||:ئـەي مۇددەئىكى ئارىم ئىدى تەنۇ تۆكمەكىم ۋاي ئايارەي:||
||:ئا|:پارىغ:|دەگۈلكى ھەرنە دىسىڭ بارىمەن نەنا :||
||:ھەركى:| چە |:بىر:|قۇياش غەمىدىن غۇسسە تاشىدىن يارە:||
||:ئا |:باشتىن:| ئاياغ سىپھىردەك ئـەفگارىمەن يەنا :||
||:ئاغزىم:|قۇرۇپ ۋاي دېمىم تۇتلۇپ سەكىرسەم نىتاڭ ئايەي:||
||:كىم |:تەلۋە:| جابۇكۈمغە جىلاۋدارىمەن يەنا :||
(نەۋائىنىڭ)
|ئېيتمىغىل:|:سىررىڭنى سەن:|: ھەركىمگەسىر:| داش ئۆزگەدۇر،
|:دەردى يوق:|: بىدەردىگە مۇڭ |:ئېيتما مۇڭداش ئۆزگەدۇر:|ۋاي ئا يارەي.
قولدا مالىڭ|:بارىدا:| ۋاي|:(ئا2-)يارۇ بۇرا:| دەر كۆپ كىلۇر،
|:ئارى باش:|:ياستۇققا يەت:| يەتكەندە قېرىنداش ئۆزگەدۇر.
ئارى باش|:ياستۇققا يەت:| ياستۇققا يەتكەندە قېرىنداش ئۆزگەدۇر،
ئا قېرىنداش ئۆزگەدۇر ۋاي ئا يارەي.
(ھۇۋەيدانىڭ)
(مەرغۇل)
پــەشــرۇ
1-ئۆزگۈرۈش
||: ئا ئىشقىڭ ئوتىدا ئايارەي كۆيگەلى كەلدىم :||
ئايدەك يۈزۈڭنى|:كۆرگەلى كەلدىم:| ئايارەي كۆرگەلى كەلدىم.
||: ئا سەۋدايى زۇلفۇڭ ئايارەي چۈشتى بېشىمغا :||
سەندىن داۋاسى|:سورغالى كەلدىم:|ئايارەي سورغالى كەلدىم.
||:ئا بەھرىڭگە كىردىم ئا غەۋۋاس بولاي دەپ :||
بىر دۇررى مەقسۇد |:ئالغالى كەلدىم:|ئا يارەي ئالغالى كەلدىم.
|| ئا مەندىن سورىساڭ ئا ئـەي گۈلئۇزارىم :||
|:مەھۋە جامالىڭ(ئا2-) بولغالى كەلدىم ئايارەي بولغالى كەلدىم.
||كۆردۈم جامالىڭ كەتتىم ئۆزەمدىن :||
مەجنۇنى شەيدا بولغالى كەلدىم دوستلايەي،جان دوستلا بولغالى كەلدىم.
||:ساقى قەدەھنى قىلغىل مۇھەييا:||
ۋەھدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم
2-ئۆزگۈرۈش
ئـەيلەدىڭ يارەب مەنى بىدىلنى جاناندىن جۇدا،
ياخشىراق ئـەردى بۇكىم قىلغاي ئىدىڭ جاندىن جۇدا.
يارغە بارغاچ نەزەردىن ئۆزرە قالماي زەررەئى،
نە ۋۇجۇدى زەررەنىڭ خۇرشىدى تاباندىن جۇدا.
قەترە-قەترە بارسا ياش كۆزدىن نە غەمكىم ئۆكسۈمەس،
يۈز تۈمەنمىڭ دۇررى غەلتان بولسا ئۇمماندىن جۇدا .
دەردسىزلەر ئاھىدا تەئسىر ئـەگەر يوق تاڭ ئـەمەس،
ئـەي ئايازى جاندا ئىرمەس نوقتىلەر كۆيدۈرگەلى،
نە ئۈچۈنكىم ئۆتمەگەي ئوق بولسا پەيكاندىن جۇدا.
داغلاردۇركىم بۇ ئۆلۈبدۇر جانىغە ھىجراندىن جۇدا.
ساقى قەدەھنى قىلغىل مۇھەييا،
ۋەھدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم.
رەھمەت ئىشىگىن مەشرەىپكە ئاچقىل،
ئىشقىڭ كويىدا ئۆلگەلى كەلدىم.
(ئايازى)
(مەرغۇل)
چۈشۈرگەسى
تەئىكىتى
(1- ئۆزگۈرۈش)
ئـەي سەبا يەتكۈر پەيامىمنى مېنىڭ دىلدارىغە،
كەلتۈر ئاندىن بىر مۇھەببەتنامەئى مەن زارىغە.
ۋەھ كەبۇتەر كۈل بۇلۇر مەكتۇبىدىن ئۇچقۇن تۈشۈب،
ئوت ياقىبمەن سىينەئى پۇر سۆزىدىن گۈپتارىغە.
ھەر گۈلدۇر بۇ تەبەق شۆئلە جانىم ئۆرتەر ئۈچۈن،
سەنسىزىن كىرسەم تەمەشايى ئۈچۈن گۈلزارىغە.
تۈشمەسە مەن ناتەۋانغا كۆزلەرى،ئىرمەس ئـەجەپ،
باردۇر پەرۋاسى قاچان بىمارنىڭ بىمارىغە.
(مەشھۇرى)
2- ئۆزگۈرۈش.
||:خازان قىلدىم گۈلىستانۇ بېغىمدا گۈل ئۇزارىمنى:||
كىلىپ دىلبەر تاماشا قىل|:(ۋاي2-) خازان بولغان باھارىمنى:||
نە كۈندۈز لەززەتتىن تارتتىم نە كۈنلەردە تاپىپ ئارام،
كەچۈردۈم ھەجىر ئوتىدا كۆيدۈرۈپ لەيلۇ نەھارىمنى.
ياقامنى چاك ئىتىپ يېغلاپ بېرىپ كويىدا داد ئـەتتىم،
ئوشۇل بىرەھىم ئىشىتمەيدۇ |:(ئا2-) مېنىڭ پەريادۇ زارىمنى:|
||: مەن ئۆلسەم ئى بۇرادەرلەر ئانىڭ يولىغا كۆمگەيسىز:||
كى ھەريانغا ئۆتەر بولسا |:(ئا2-) بېسىپ ئۆتكەي مەزارىمنى:|
||:ھۇۋەيدا ئېيتىدۇ يېغلاپ ئۆلۈم ھەقدۇر،ئۈلۈر بارچە:||
كۆڭۈلدە قالمىغاي ئارمان |:(ئا2-) كۆرۈپ ئۆلسەم نىگارىمنى:|
(ھۇۋەيدا)
(مەرغۇل)
چوڭ نەغمە چۈشۈرگەسى
|:بىر ئىلكىمگە :|سەتايۇ بىر ئىلكىمگە جامۇ مەي ئالسام...
ئىككىنچى بۆلۈم داستان قىسمى
1- داستان
||: ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسا يېغلىسۇن يار ئالدىدا :||(ئايەي2-)
||: قالمىسۇن كۆڭلىدە ئارمان بەلكى ئىزھات ئالدىدا :||
مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شەرابى ئـەنتەھۇر ،( ئايەي،)
||:چەرخ ئۇرۇپ يېغلاپ تۇرارمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا:||
ھەر كىشى بىر قەترە مەي |: نۇش ئـەيلەسە ئول بادەدىن :|(ئايەي)
||: ئول قىيامەتتە قىلۇر ئـەرزىنى جەپپار ئالدىدا :||
تەلبە مەشرەپ قىلماغىل زاھىدقا سىرىڭنى ئايان
|:ئـەيتىپ:|:يېغ:| لىغىل سەن ئاشىقى يار ئالدىدا،
يارەي جان ئاشىقى يار ئالدىدا
(مەشرەپنىڭ)
(مەرغۇل)
2-داستان
مۇندىن كېتەر بولساڭ باغداد شەھرىگە، غېرىپ سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم.
ئاللاھ سالدى جۇدالىقنىڭ دەردىگە غېرىپ سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم.
مېنى كەتتى دەبان يېغلاپ ئولتۇرما ،
قىزىلگۈلدەك رەڭگى،رويۇڭ سۇلدۇرما.
دوستلار بىلسۇن دۈشمەنلەرگە بىلدۈرمە،
كۆپ يېغلىما سەنەم جان كەتسەم كېلۇرمەن.
سەنەم دەرلەر سېنىڭ بىرلە ئـەھدەم بار،
ئۈچ ئايغىچە كەلسەڭ ئاڭا سەبرەم بار.
كېلەلمىسەڭ يول ئۈستىدە قەبرەم بار،
غېرىپ سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم.
غېرىپ ئـەيتۇر تەقدىر شۇنداق بولماسا،
ئـەجەل يىتىپ شۇم پەيمانىم تولماسا،
جانىم چىقىپ تەنىم چۆلدە قالماسا،
كۆپ يېغلىما سەنەم جان كەتسەم كېلۇرمەن.
(غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
(مەرغۇل)
3-داستان
||: يۇرت قەدرىنى شاھلار بىلمەس باشقا يۇرتقا بارماغۇنچە :||
||:ياخشى ئـەلنىڭ قەدرىنى بىلمەس، بىر يامانغا چۈشمەگۈنچە:||
||:قول ئۇزاتسام يارغا يەتمەس،يارسىز مېنىڭ ئىشىم پۈتمەس:||
كىشى مەردنىڭ قەدرىنى بىلمەس،بىر نامەردكە چۈشمەگۈنچە
||:سۇندۇرما مۇئمىن ساداسى، ئوقۇيدۇ بەش ۋاخ نامازى :||
||:شاھلار بىلمەس يۇرت رىزاسى،ھاتەم بۇلۇپ چۈشمەگۈنچە:||
||:ئاشىق بولماي سىنە چاك بولماس|شېھىد بولغان ھالاك بولماس:||
||:قەلبى ئۇنىڭ ھەم پاك بولماس،ئشقى ئوتىدا كۆيمەگۈنچە :||
||:قەلەندەر بولماق ئاسان ئـەمەس،ساچى بەلگە چۈشمەگۈنچە:||
||: ئاشىق بولماق ئاسان ئـەمەس شىرىن جاندىن كەچمەگۈنچە:||
خۇدا كىمگە بىر دەرد بېرەر،ئول دەردىگە دەرمان بىرەر،
بەندە خۇدا دەپ يېغلىماس،بىر دەرد ئـەلەم كەلمەگۈنچە
||: شاھى ئابباس دەر مەن بىلمەدىم،غېرىپ ھالىن مەن سورمادىم :||
ئىشقى ئوتىنى مەن بىلمەدىم،ئۆز باشىمغا كەلمەگۈنچە.
ياھۇ يارەي يا مەۋلانەي ئۆز باشىمغا كەلمەگۈنچە.
(غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
(مەرغۇل)
4-داستان
ئـەي يارانلار دىيارى بەكرى شەھرىدە،ئـەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
سەلام قىلدى ئىككى قولى كۆكسىدە،ئـەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
چەشمەنىڭ لەبىدە كۆردۈم مەن ئۇنى،تىللا تارغاق بىلە تارار ساچىنى،
كىمگە ئېيتاي،كىمگەيېغلاي دەردىنى،قانىم تۆكتى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
ھۆرلەر ئانچە بولماس جەننەت ئىچىدە،كۆرگەن كىشى قالۇرھەسرەت ئىچىدە،
تەزىم قىلدى دىدار پۇرسەت ئىچىدە،ئـەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
شاھ ئابباسخان دەر بۇجاننى نەيلەيىن،ئۆلگۈچە شول يارنى كۆرۈپ ئۆلەيىن،
ئاشىقلىقنىڭ يولى ئـەمدى بىلەيىن،ھەيران قىلدى جادۇ كۆزلۈك بىر پەرى.
(غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
5-داستان
||:زۇلمۇڭ بىلەن قابا پەلەك كۆزدە ياشىم قان ئـەيلەدى :||
||:يۈسۈپ كەبى زىلەيخادەك مىسكەنىن زىندان ئـەيلەدى :||
||:ھەركىم ئـەگەر سۆيسە ئۇنى،سۆيەركۆيۈپ ئاخىر ئۇنى:||
||:ئىسمائىلدەك بىر كۈن مېنى بىر يولى قۇربان ئـەيلەدى:||
||:قېنى ئول ھەزرەتى ئادەم، قېنى ئول سەرۋەرى ئالەم :||
||: رەسۇلغا بولغان ئول ماتەم،ئۇلارنى گىريان ئـەيلەدى:||
ھەركىم ئاڭا كۆڭۈل باغلار،كېچە-كۈندۈز كۆيۈپ يېغلار،
بۇلبۇل بوستان ئېنى داغلار،گۈللەرنى خازان ئـەيلەدى،
(بەھرام-دىلئارام داستانىدىن)
(مەرغۇل)
ئۈچىنچى بۆلۈم مەشرەپ قىسمى.
مەشرەپ1-
ئـەي پەرى يۈزلۈك بېگىم جانلار پىدا بولسۇن ساڭا،
دۇنيادا ھۆسۈن ئاتى بار ئىكىن ھەم بەقا بولسۇن ساڭا.
ھەددى مەخلۇقاتىدىندۇر نارى ئول ھۆسنۇ-جەمال،
ئولكى يوقتۇر رەھىم ئىرۇر بۇ ھەم ئاتا بولسۇن ساڭا.
ئـەيمەنىپ ھاسىد تىلىندىن دەست بەرمەس چۈن سەلام،
كۆزئۇچچى بىرلە يىراقتىن مەرھەبا بولسۇن ساڭا.
(لۇتفى)
مەشرەپ2-
|:كەل ئـەي دىلبەر:| بايان ئـەيلەي ||:ساڭا بىر-بىر:| جۇدالىقنى:||
||:كى شايەدەي ئاياەي|:رەھمەئىتىپ سالغاي ۋايەي:|
(ئا1-)ئۆزىگەيەي ئاشىنالىقنى:||
تەمامۇ خانەمانىمدىن كېچىبان بىر سېنى دەرمەن،
ئۆزەڭدىن ئۆزگە بىلمەيدۇ ئۆزەڭ سالدىڭ جۇدالىقنى،
||:ئۆزەڭدىنەي ئايەي |:ئۆزگە بىلمەيدۇ ۋايەي:|
ئا |:ئۆزەڭ سالدىڭ :| جۇدالىقنى:||
(مەشرەپنىڭ)
(3)
||:تا كەيدى قىزىل ئۆزىنى زىبا قىلايىن دەپ :||
||؛ ئوت ياقتى جاھان مۈلكىگە|:(ھەي دوستلا1-)غەۋغا قىلايىن دەپ:||
||:زۇلفىنى تاراپ قاش ئۇچۇرۇپ جىلۋىلەر ئـەتتى ،
ئاشۇبى بەلا پىتنەنى بەرپا قىلايىن دەپ .:||
||:مەششاتە بىلە جىلۋەدە كۆرسەتتى قەددىنى،
مەندەك نەچە دىۋانەنى شەيدا قىلايىن دەپ.:||
خەنجەر قولىدا مەشرەپنى |: ئۆلتەرگەلى كەلدى:|
||:غەۋغايۇ قىيامەتنى ھۇۋەيدا قىلايىن دەپ:||
(مەشرەپنىڭ)
مۇقام چۈشۈرگەسى.
|:بىر ئىلكىمگە :|سەتايۇ بىر ئىلكىمگە جامۇ مەي ئالسام.
专辑信息