歌词与中文翻译
ئېسىڭدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرگەن چاغلىرىڭ
你还记得和他在一起的时光
ئۇنىڭ بىلەن خۇشاللىقتا بىللە كۈلگەن چاغلىرىڭ
记得和他一起欢笑的时光
شۇ چاغدىكى تاتلىق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى يۈرۈكۈڭدە قالغان
当时的甜言蜜语都留在你心上
ئەمدى بىلدىڭ تاتلىق سۆز ۋە بەرگەن ۋەدىلەر يالغان
但现在才明白甜言蜜语和诺言都是假的
ئېسىڭدە ئۇ ئەينى چاغدا كۈندە غېمىڭنى يىگەنتى
你记得当时他每天都为你着想
ئەمدىلىكتە ئالدىغا بارساڭمۇ ئىششىڭنى قىل دېگەنتى
但现在他已与你成了路人
ئەسلى ئۇنىڭغا ئىشەنگەنتىڭ تاشلىمايدۇ مېنى دەپ
原本你真的以为他不会抛弃你
ئۇمۇ ساڭا ۋەدە بەرگەنتى «تاشلىمايمەن سېنى» دەپ
而且他也承诺过
بىراق ئۇ ھازىر يېنىڭدا يوق، چۈنكى ئۇ سېنى تاشلىدى
但如今他不在你身边,他抛弃了你
ھەر قېتىم ئۇنىڭغا قانماي قارايدىغان خۇمار كۆزۈڭنى ياشلىدى
让你那双水汪汪的眼睛含满了泪水
شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن شېرىن خىياللارغا چۆكەتتىڭ
你们曾做过甜蜜的梦
ئەمدىلىكتە ئازاب جىق شۇڭا قونچىقىڭغا دەرت تۆكەتتىڭ
如今你只能诉苦给你的玩偶
بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن سائەت-سائەتلەپ مۇڭدىشاتتىڭ زېرىكمەي
曾经你们的话题不断
ئۇمۇ سېنى ساقلايتتى باغچىدا كېچىكسەڭمۇ تېرىكمەي
曾经他对你有耐心
بولسىكەن دەيتتىڭلار كەلگۈسىدە ئوغلۇڭلار ياكى قىزىڭلار
梦想着未来能有个美满的家庭
بىراق ئارزۇلار ئەمەلگە ئاشماي قالدى پەقەتلا ئىزىڭلار
但那只成了你们的“梦”和“想”
ئازابلارنى شامالغا بەر يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ
让痛苦都随风而去
ئۇمۇ سەندىن ئايرىلىپلا ياخشىلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ
离开你后,他也会明白你的好
كۈلۈپ ياشاشنى تاللىساڭ بولىدۇ تاللىشىڭ ئەقەللىي
笑着面对生活是最好的选择
ئۆز يولۇڭدا ماڭغىن قىلىپ ئېرادەڭنى تەسەللىي
你坚定的意志就是对你最好的安慰

ئۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ تىنىچ تۇرمۇشىڭغا ئوق ئاتتى
突如其来的他破坏了你平静的生活
بىراق ئۇ ئەمدى سېنى تاشلاپ كېتىپ نۇرغۇن نەرسىسىنى يوقاتتى
如今他离开你,他失去了太多
شۇ چاغدا ئۇ تەمبۇر بولسا سەن بولاتتىڭ تارىسى
以往你们是绝配
دەيتتىڭ ئۇنى ھاياتىم ھەم يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى
也是彼此的知心
ھەرقانداق ئىشقا يولۇققىنىڭدا ئۇ تاپاتتى چارىسىنى
以往他为你遮风挡雨
شۇڭلاشقا ھازىر تاپالمىدىڭ ئازابىڭنىڭ دورىسىنى
如今你没能找到为你挡雨的屋檐
ھازىر ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك ساڭا تەبەسسۇملۇق چېھرى يوق
如今他对你没了以往的笑容
ھەمدە شۇ چاغدا ساڭا ئېلىپ بەرگەن قونچاقچىلىك مېھرى يوق
对你的感情甚至比不上当时给你买的玩偶
ئىسسىق-سوغۇقنى كۆردۈڭلار ھەم يىقىلساڭلار يۆلۈشۈپ
你们一起经历过酸甜苦辣
ئۆتەتتىڭلار بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن قورقماي بەدەل تۆلۈشۈپ
可以为彼此无偿付出
ھەر قېتىم ئۇ سېنىڭ كۆزۈڭگە ھەقىقي ئەركەك كۆرۈنەتتى
在你眼里他就是条汉子
شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا توققۇزۇڭ تەلدەك بىلىنەتتى
你感觉有他的日子就是完美的
بولدى ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر ئۆزۈڭنى بۇنچە تاشلىما
算了,让过去的都过去吧
ئۆتمۈشتىكىلەر ئۆتمۈشتە قالسۇن كۆزۈڭنى قىلچە ياشلىما
让记忆里的人留在记忆里
كۆك ئاسمىنىڭدىن يوقالسا بۇ ئىس ئاسمىنىڭ تېخىمۇ كۆكىرىدۇ
可能没他的日子会变得更好
تۇرمۇش ئۇنى ھامان بىر كۈنى پۇشايمان دېڭىزىغا چۆكۈرىدۇ
终有一天生活会让他后悔不已