歌词
作曲:entirnt
作词:Rakam
缩混:Oghuzyar
V1
ئاڭلىغىن ھەي قىز تۇرمۇشۇڭغا كىرسەم بۇلامدۇ
قەلىب بېغىڭدىكى غۇنچىنى ئىشەنچ بىلەن ئۈزسەم بۇلامدۇ
بىلىمەن،ئاشۇ جاۋابلار مەن ئۈچۈن نامەلۇم بىراق
نازىڭ بىلەن قوشۇلىشىڭ رىئاللىقتىن بەكلا يىراق
بۇلارنى كۆڭلۈم سېزىپ تۇرىدۇ ئۈمۈدۈمنى ئۈزمەيمە
تۇرمۇشۇمدىن كەتسەڭ زادى قانداق كۈلەلەيمە
ئىشەنمەيتىم مۇھەببەتكە سېنى سۆيۈپ مەن ئىشەندىم
ساداقەتنىڭ نىمىلىكىنى ئاي چېھرىڭدىن چۈشەندىم
پەرىشتەم دېسەم يول قۇيامسەن ئۇماق يۈزۈڭنى كۆرگەندە
ئاشىق يۈرگۈم يايراپ كىتىدۇ سەن ماڭا قاراپ كۈلگەندە
قولۇڭنى بەرگىن بۇھاياتتا ئىشەنچىمنى بېغىشلاي
گۈلىستاندىكى دەرەخ بولساڭ يۇپۇرماغىڭ مەن بولاي
كۈلۈپ قايرىلىپ بىر قارىساڭ بۇ ياشلىقىم ساڭا تەسلىم
خۇش پۇراقلار تارايدۇ سەندىن كەلدى مانا باھار پەسلىم
ئەسكى بولۇپ ئاتالسام مۇھەببىتىم ئۆزگەرمەيدۇ
ۋەدە بېرەي بىر جۈپلەرگە بىۋاپا دەپ سۆز كەلمەيدۇ
HOOK
جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز
سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با
ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز
بىر ئۆمۈر ساڭلڭغۇم با
جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز
سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با
ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز
V2
ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئەسلىمىلەر كۆپ ئەمەس
لىكىن ساڭا بولغان مۇھەببىتىم پەقەت ئاددى رەپ ئەمەس
بىلسەڭ مەندىكى چىن مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ۋەدەلەر گۇۋاھ
مەيلى جاپا ھالاۋەت مەن يېنىڭدا بولىمەن ھەمراھ
بۇ ھايات قىسقا بىر سەپەر يىغا بىلەن كۈلكىگە تولغان
ئازاپلارغا تىز پۈكمەس مەندە ساپ بىر يۈرەك بولغان
بىر ۋاقىتتا سەنمۇ مەندىن خاپا بولۇپ قىيدىغانسەن
دىمىسەممۇ سۆيىدىغىنىمنى سۆزلىرىمدىن بىلدىغانسەن
ئاق كۆڭۈللۈك سەبىيلىك بۇجىسمىڭغا مۇجەسسەم
ئۈمۈدۈم شۇ جۈپتۈڭ بولۇپ خوشال قىلىپ كۈلدۈرسەم
مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان ئاشۇ خۇمار كۆزلۈرۈڭ
سوراپ باقاي خوشال بولامسەن مەن بولمىغان كۈنلۈرۈڭ
تۇرمۇش سېنى تاشلىۋەتسە ھەرگىز قورقۇپ كەتمىگىن
ھاياتىڭدىكى نۇرلۇق يولدىن شۇ بەختىڭنى ئىزدېگىن
گەرچە تۇرمۇش قىينىسىمۇ بوشاشمىغىن توختڭما
ناۋادا مېنى رەت قىلساڭمۇ ھەرگىز مېنى ئۇنتۇما
جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز
سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با
ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز
بىر ئۆمۈر ساڭلڭغۇم با
جاۋاپ بېرىڭ ئەي گۈزەل قىز
سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇم با
ئەگەر مېنى رەت قىلسىڭىز
بىر ئۆمۈر ساڭلڭغۇم با
专辑信息
1.5.Mektep Ashxanisi(学校食堂)
2.3.Telep Xeti