5.Mektep Ashxanisi(学校食堂)

歌词
作曲;entirnt
作词;Rakam
缩混:Oghuzyar
بۈگۈن مانا يەكشەنبە،ئارام كۈنۈممۇ توشتى
100يۇەن پۇلنى ئېلىپلا قەدىمىم مەكتىپىمگە ئۇلاشتى
ئايرىلدىم ،ئاپام ئەتكەن لەغمەن سومەن
مەكتەپتىكى ھەرۋاق تاماقنى يىگىم كەلمەي قايرىلىمەن
ئۆيدە دائىم خوشال چۈنكى ئاپام ئەتكەن گۆش بولو با
ئەمما مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىرمۇ گۆش يوق توڭ پولو با
ئەتىگىنى ئەتكەن تاڭمىنىدە خام لوبو با
يىسەڭ يە يىمىسەڭ ياتىقىڭدا تەييار چۆپچىلاا)
ھەممە بالىلار ئاق كۆڭۈل لىكىن كۆپنىڭ ئۆيى يېزىدا.
ھى ھى مەنمۇ شۇ
شۇڭلاشقا پۇل تىجەشكە ئەتىگىنى يەيدىغانغا موما با
بىر كويغا ئىككى موما ئۈچ كويغا ئالتە موما
ئۇزاق ئۆتمەي ئۆستۈرۋالدى بىرتال مومىنى بىر كويغا
ۋاي توۋا، بۇ خەققە پۇللا بوسا بۇلامدا
بۇنىڭغا باللا تويامدا پۇل تاپساملا بولدى دەپلا
ئىقتىسادنى ئويلىمامدا ئاشخانىدىكىلەر
ھېچنىمىدىن قوقمايدۇ مۇقىم كىرىمى با ئەمەسمۇ
Hook- Rakam
بىز كۈندە يوقلايدىغان مەكتەپ ئاشخانىسى
پۇل پىچەككە شۇنداق ئامراق پۇل بەرمەمدۇ ئانىسى.
بىزدەكلەرنى قىيناۋېرىدۇ ئىشلىمەمدۇ كاللىسى
يۇقىرىدىكىلەر ئاڭلاپ قالسا يېيىلىدۇ چاۋىسى
بىز كۈندە يوقلايدىغان مەكتەپ ئاشخانىسى
پۇل پىچەككە شۇنداق ئامراق پۇل بەرمەمدۇ ئانىسى.
بىزدەكلەرنى قىيناۋېرىدۇ ئىشلىمەمدۇ كاللىسى
يۇقىرىدىكىلەر ئاڭلاپ قالسا يېيىلىدۇ چاۋىسى
V2
مەكتەپ مۇدىرى بىلمەمدىغاندۇ ياق ، ياق!
بەلكىم بەزى سەۋەبلەر بىلەن بىر كۆزىنى قىسىۋاالغاندۇ.
مەۋسۇمدا بىر بېرىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلىمۇ
ئاشخانىنىڭ ھېسابىدىكى تاماق كارتىسىغا ئۇرىلىدۇ
شۇڭا بۇ ئىش ئاشخانىغا ئوبدانلا خوش ياقىدۇ.
بۇ بالىلارمۇ ئامالسىزلا ئاشخانىغا چاپىدۇ.
سەككىز كويغا ئاشخانىدا قورساق تويمىغان نەدە بار؟
پۇلغا تويماس خوجايىننىڭ شۇ كاللىسىدا دەردى بار.
نەدە بار دەپ سورىساڭ ، بۇ ئىشلار مۇشۇ يەردە بار.
مېنىڭچە ئاشخانىنىڭ بىرە مىليون قەرزى بار.
ئىشىكتىن كىرسىلا چاپلاپ قويغان تاماق رىسالىسىدە.
سۈرىتىگە قاراپ يېمىگەن كىشىنىڭ ماختىغىنى ئىسىىدە.
بالىلار ئۆيدە پۇلنى جىقراق بېرىڭ دېسەم ئۇنارمۇ
تاماقنى جىقراق بېرىڭ دېسە ئۇنىمايدۇ ئۇلارمۇ
ھەپتىنىڭ تۆتى ياندا پۇل يوق ، ئاچ قورساقلار يۈرىدۇ
دەرسخانىدا ئۆينى ئويلاپ جۈمەنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ
Hook- Rakam
بىز كۈندە يوقلايدىغان مەكتەپ ئاشخانىسى
پۇل پىچەككە شۇنداق ئامراق پۇل بەرمەمدۇ ئانىسى.
بىزدەكلەرنى قىيناۋېرىدۇ ئىشلىمەمدۇ كاللىسى
يۇقىرىدىكىلەر ئاڭلاپ قالسا يېيىلىدۇ چاۋىسى
بىز كۈندە يوقلايدىغان مەكتەپ ئاشخانىسى
پۇل پىچەككە شۇنداق ئامراق پۇل بەرمەمدۇ ئانىسى.
بىزدەكلەرنى قىيناۋېرىدۇ ئىشلىمەمدۇ كاللىسى
يۇقىرىدىكىلەر ئاڭلاپ قالسا يېيىلىدۇ چاۋىسى
*******
专辑信息
1.5.Mektep Ashxanisi(学校食堂)
2.3.Telep Xeti