歌词
تېكىستى : ئىبرايىم تۇرغۇن
مۇزىكىسى: غوجا مەتقۇربان
ئاككورتلاشتۇرغۇچى : ئابدۇسەمى ئەركىن
جان ئاتام كەتمەن چېپىپ يىلىكتە باققان
جان ئانام ئۇماچ چېلىپ يۈرەكتە باققان
كىشىنىڭ ئىشىغا نەزەر سالمىغان
ئەر كىشمەن ئەركەك ياققان
كىشىنىڭ ئىشىغا نەزەر سالمىغان
ئەر كىشمەن ئەركەك ياققان
يېنىمدا تاغدەك جان ئاتام تۇرغان
دىلىمدا نۇردەك جان ئانام يانغان ئايال زاتىمەن
تومۇرۇمدا ئاسمان پاتقۇدەك
مۇھەببەتنىڭ غورۇرى ئاققان
تومۇرۇمدا ئاسمان پاتقۇدەك
مۇھەببەتنىڭ غورۇرى ئاققان
ئەر كىشمەن كۆك ئەنچىردە بار
ئاتام بەرگەن بىلىگىمدە بار
چىن ئايالمەن كۆك ئەنچىردە بار
ئانام بەرگەن ھاياتىمدا بار
<<<مۇزىكا>>>
قوغدىدۇم سېنى كېكىردىگىمدە
سۆيدۈم سېنى ئەركەكلىكىمدە
سېنىڭدە ئۆلسەم نەچچە مەرتە رەت
سەندە تېرىلدىم ئۆلمەس مۇھەببەت
جان ئانام باققان جان ئاتام باققان
كۆك ئەنچىرىمەن خەلقىمگە ياققان
جان ئانام باققان ، جان ئاتام باققان
كۆك ئەنچىرىمەن خەلقىمگە ياققان
ئەر كىشمەن كۆك ئەنچىردە بار
ئاتام بەرگەن بىلىگىمدە بار
چىن ئايالمەن كۆك ئەنچىردە بار
ئانام بەرگەن ھاياتىمدا بار
چىن ئادەممەن كۆك ئەنچىردە بار
ئاتام بەرگەن يۈرۈگۈمدە بار
چىن ئادەممەن كۆك ئەنچىردە بار
ئانام بەرگەن ھاياتىمدا بار
ئانام بەرگەن ھاياتىمدا بار
by:kiyoom
专辑信息
1.Kok Yar