歌词
سېغىنىشنىڭ پىراق ئوتلىرى
يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەيدۇ
سېغىنىشنىڭ پىراق ئوتلىرى
يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەيدۇ
مېنى كۈتكىن دېگەن يارىنىڭ سۆزلىرى
قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ
مېنى كۈتكىن دېگەن يارنىڭ سۆزلىرى
قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ
ئازاب چەكسەم بۇ جانىمدا
جان يارىم بىلەرسەنمۇ
ئازاب چەكسەم بۇ جانىمدا
جان يارىم بىلەرسەنمۇ
مەن كۆيگەن سۆيگۈنىڭ ئوت پىراقىدا
سەن يارىم كۆيەرسەنمۇ
مەن كۆيگەن سۆيگۈنىڭ ئوت پىراقىدا
سەن يارىم كۆيەرسەنمۇ
يۇلتۇز ساناپ مەن ھەر كېچە
يار خەۋىرىڭنى ئالاي دەيمەن
يۇلتۇز ساناپ مەن ھەر كېچە
يار خەۋىرىڭنى ئالاي دەيمەن
ئۇچۇپ ئۆتكەن ئۇچۇپ ئۆتكەن شاماللاردىن
يار ۋەسلىڭنى سورايمەن
ئۇچۇپ ئۆتكەن ئۇچۇپ ئۆتكەن شاماللاردىن
يار ۋەسلىڭنى سورايمەن
يار ۋەسلىڭنى سورايمەن
专辑信息
1.Seginix