歌词
گۈل بېغىڭنىڭ ئىچىدە ھەريان قاراپ سايرايمەن جېنىم
سەن يارىمنىڭ ئۈنى كەلسە ھەيران بولۇپ قارايمەن جېنىم
ئاسماندىكى ئايىم سەن
كۆڭلۈمدىكى يارىم سەن
مىنى ئوتۇڭدا كۆيدۈرگەن
سەن مىنىڭ نىگارىم سەن
بۇلبۇلۇڭ بۇلاي شېخىڭغا قوناي
كۈيۈشكەن يارىڭ يارىڭ بولسا مەن يارىڭ بۇلاي
مەن يارىڭ بۇلاي، يارىڭ مەن بۇلاي
بۇ گۈزەل گۈلباغ ئارا
گۈلگە تولغان باغ ئارا
بۇلبۇلۇڭ تەشنا ساڭا
گۈلدەستىدە غۇنچە ئارا
ئاسماندىكى ئايىم سەن كۆڭلۈمدىكى يارىم سەن
مىنى ئوتۇڭدا كۆيدۈرگەن سەن مىنىڭ نىگارىم سەن
بۇلبۇلۇڭ بۇلاي شېخىڭغا قوناي
كۈيۈشكەن يارىڭ يارىڭ بولسا مەن يارىڭ بۇلاي
مەن يارىڭ بۇلاي، يارىڭ مەن بۇلاي
باغ ياسا گۈلباغ ياسا، گۈلگە تولغان باغ ياسا
ئالما سۇن گۈل چېھرىگە
گۈل چېھرى ئايدەك سەن ياشا
گۈل چېھرى ئايدەك سەن ياشا
专辑信息