Sini Seghindim/想你了

歌词
سىنى سېغىندىم
رىھىمجان ئابدۇقېيۇم / ياسىنجان ھەمدۇللا
مۇزىكىسى: رىھىمجان ئابدۇقېيۇم
تېكىستى: قەيسەر توختى
ئاكوتلاشتۇرغۇچى: رىھىمجان ئابدۇقېيۇم
ئاۋاز ئۈنۈم: مىرادىلجان باۋۇدۇن
ئۈزۈم يالغۇز ھەسرەت چەكتىم خىيالغا پېتىپ
ئايدىڭ كەچتە يۇلتۇزلارغا دەردىمنى ئېيتىپ
يالغۇز قويدۇڭ يايرىم مىنى سەن يىراق كىتىپ
يالغۇر يۈرگەن بۇ كۈنلەردە سىنى سېغىندىم
يالغۇز قويدۇڭ يايرىم مىنى سەن يىراق كىتىپ
يالغۇر يۈرگەن بۇ كۈنلەردە سىنى سېغىندىم
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
كۈرەي دىسەم كۈرەلمەيمەن سەن مەندىن يىراق
ئەسلەپ يۈردۈم يار يىراقتا بولسىمۇ بىراق
يارسىز كۆڭۈل ئازاپلاندى قىينىدى پىراق
يارسىز يۈرگەن بۇ كۈنلەردە سىنى سېغىندىم
يارسىز كۆڭۈل ئازاپلاندى قىينىدى پىراق
يارسىز يۈرگەن بۇ كۈنلەردە سىنى سېغىندىم
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
جان قىينالدى گۈلۈم سىنى سېغىنىپ كۈندە
ئۇخلىيالماي ئويلاپ سىنى تولغۇنۇپ تۈندە
كۈيلەپ سىنى بۇلبۇل كەبى ئازاپلىق ئۈندە
سەنسىز يۈرگەن بۇ كۈنلەردە سىنى سېغىندىم
كۈيلەپ سىنى بۇلبۇل كەبى ئازاپلىق ئۈندە
سەنسىز يۈرگەن بۇ كۈنلەردە سىنى سېغىندىم
سىنى سېغىندىم
······