歌词
M2K
ئۇچراتتىم سېنى سىمايەڭ قېنى ،
ئىس تۈتەك ئارىسىدا يوقاتتىم سېنى .
ئۇچراتتىم سېنى سىمايەڭ قېنى ،
ئىس تۈتەك ئارىسىدا يوقاتتىم سېنى .
يېنىمدا سەن بولساڭ كېپىنەك پەرۋانە ،
يوق سەندىن باشقا باشقا باشقا ئارمانىم .
يېنىمدا سەن بولساڭ كېپىنەك پەرۋانە ،
يوق سەندىن باشقا باشقا باشقا ئارمانىم .
Etitaz99
بىر كۆرۈپ سېنى سۆيگەنتىم لىنا ،
غايىب بولدۇڭ كۆزۈمدىن شۇ ئەسنا .
ئىسمىڭنى ئېيتىپ بەردىڭ ماڭا ،
ئېتىراز99 دەپ بېرەي ساڭا .
ناخشام بىلەن باشلايمەن سۈرىتىڭگە قارايمەن ،
ئامال يوق ، ئىمكان يوق ، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشكە baby .
Nutul
ئىزلىرىڭدىن ئىزلەيمەن سېنى بۇ قارلىق كېچىدە
Etiraz99
زېمىستاندا بولساڭمۇ مەن سېنى چۇقۇم تاپىمەن .
Nutul
ئىزدەپ تاپسام ئۆتىمىز بىز بىللە بەخت ئىچىدە ،
Etitaz99
بىز كۆرۈشەيلى قاپ قاراڭغۇ جىمجىت كېچىدە .
Nutul
يېنىمدىن ئۆتتۈڭ گۈزەل تېنىمدا قالدۇرۇپ ئەتىر ھىدى ،
كۆڭلۈمدىن ئۇتتۇڭ ساڭا ئاشىق بولدۇم شۇنىڭدىن بېرى .
يۈزۈڭدىكى خال بىلەن بىر تاللا بولۇپ ، قەلبىمنىڭ شامى بولۇپ ،
يۈرەك زىلتارى بولۇپ ، يېنىمدىن مەڭگۈ كەتمە نېرى .
دەيدۇ دەيدۇ سەن ئۇلارغا تاشلاپ بەرسەڭ ،
يەنە ئەنسىرەيدۇ سەن ماڭىلا كۆڭۈل بەرسەڭ .
تەرگەن بولساڭ باغلىرىڭغا مۇھەببەتلىك شېرىن گۈللەر ،
سايرايتتى باغلىرىڭدا ،مېھنىتى يوق گۈزەل ئۈنلەر .
ئاز كېلىدۇ ، سېنىڭدىكى ساز قىلىشلىرىڭ ،
يەنە كېلىپ ماس كېلىدۇ پەقەت ماڭىلا نازلىنىشلىرىڭ .
بەزىلىنىدۇ يۈرۈكۈم ئاددىيلا كۈلۈشۈڭگە ،
تەقەززا يۈرۈكۈم مېنى مەڭگۈ ئالدىماي سۆيۈشۈڭگە .
ھېكايەڭگە قىزىقمايمەن ھېكايەڭنى تاشلىۋەت،
ئەمدى كەلگىن ھېكايەڭنى مەن بىلەنلا باشلىۋەت.
ماڭا خەققە بېرىپ باقمىغان چىن ئەقىدەڭنى بېرىپ،
چىن سۆيگۈمنىڭ قوينىغا كەل ئۆزۈڭنى تاشلىۋەت.
M2K
ئۇچراتتىم سېنى سىمايەڭ قېنى ،
ئىس تۈتەك ئارىسىدا يوقاتتىم سېنى .
M2K
يېنىمدا سەن بولساڭ كېپىنەك پەرۋانە ،
يوق سەندىن باشقا باشقا باشقا ئارمانە.
يېنىمدا سەن بولساڭ كېپىنەك پەرۋانە ،
يوق سەندىن باشقا باشقا باشقا ئارمانە.
专辑信息
1.Lina