歌曲 / 歌词

Bir kiz

Shireli-GheniListen on Apple Music

歌词

بىر قىز
شىرئەلى غېنى
سۆزى : مەھمۇتجان خوجا ئۈمىدۋار
مۇزىكىسى : كېرەمجان مۇھەممەدئەلى
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: كېرەمجان مۇھەممەدئەلى
ئاشىق بولۇپ قالدىم شۇنچە باغلىنىپ
لېكىن مېنى پەقەت كۈتمىدى بىر قىز
تالاي قىزلار ئۆتتى، ئۆتتى نازلىنىپ
تار كوچامدىن ئۆتمىدى بىر قىز
بەرسەممۇ مەن گەرچە چەكسىز مۇھەببەت
دىل سۆزىنى ماڭا ئېيتمىدى بىر قىز
قارلىغاچلار كەلدى، كەلدى نەچچە رەت
تۇرنا بولۇپ قايتمىدى بىر قىز
دەردۇ-ھالىمغا يەتمىدى بىر قىز
دىللىرىم خۇرسەن ئەتمىدى بىر قىز
ئۆزى يىراقلاپ كەتتىغۇ لېكىن
خىياللىرىمدىن كەتمىدى بىر قىز
♪ مۇزىـــــكا ♪
پىراقىدا كۆيۈپ يۈردۈم كۈل بولۇپ
دەردۇ-ھىجرانىمدا كۆيمىدى بىر قىز
ئۆتەرمۇ ياشلىقىم، ياشلىقىم توزۇپ
مېھىر بىلەن سۆيمىدى بىر قىز
تەنھا كېچە غەمكىن ئۆتىدۇ تۈنلەر
ھىلال كەبى تاتلىق كۈلمىدى بىر قىز
بىلەلمىدىم بارمۇ، بارمۇ شاد كۈنلەر
چىن ئىشقىمنى بىلمىدى بىر قىز
دەردۇ-ھالىمغا يەتمىدى بىر قىز
دىللىرىم خۇرسەن ئەتمىدى بىر قىز
ئۆزى يىراقلاپ كەتتىغۇ لېكىن
خىياللىرىمدىن كەتمىدى بىر قىز
دەردۇ-ھالىمغا يەتمىدى بىر قىز
دىللىرىم خۇرسەن ئەتمىدى بىر قىز
ئۆزى يىراقلاپ كەتتىغۇ لېكىن
خىياللىرىمدىن كەتمىدى بىر قىز
♪ مۇزىـــــكا ♪

更多歌手作品

专辑信息

Konglum →
  1. Oxshaysen gulge
  2. Koyarmanmu
  3. birsibar
  4. Uyghur Qizi
  5. Alma-Barsam
  6. Kerak amas
  7. Suygu kuyi
  8. Ata uluh
  9. Bir kiz
  10. Sizni kutup
  11. Wada
  12. Bir-Kun