歌词
سۈكۈت
沉默
P-S-N
PasAn
ئۆزۈم ھايات تىنىمدا جىسمىم بۇرۇنلا ئۆلگەن
SuKuT
يۈرۈگۈم يىغلاپ ھارسىمۇ چىرايىم ھەر ۋاقىت كۈلگەن،
بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئوخشىتاتتى جەننەتكە ئەمما
ماڭا بۇ دۇنيا كۈلۈپ باقمىدى ھەر ۋاقىت قاپىقىنى تۈرگەن،
توغرا مەنمۇ  ساددىتىم بۇرۇن بىشىمدىن ئۆتكىنى ھەرخىل
ماڭا دۇنيا نەچچە خىل ئەمما مەن دۇنياغا بىر خىل
كاللامدا ھەرخىل ئوي  مەن تىرىشىۋاتىمەن ئىزچىل
كارۋان يولدا توختاپ قالدى ئىتلار چىقتى بىزدىن
سورايمە ئۆزەمدىن مەن دۇنياغا زادى نىمە ئۈچۈن كەلدىم
قانچىلىك يوقاتتىم قالدى مەندە قانچىنى خەقكە بەردىم
جاۋاپ بىرخىل سوئال ئوخشاش گەپنىڭ ئاخىرى مەندىن
شۇ كارۋانلا ماڭغان چۆلنى  مەنمۇ  ئەمدى  كەزدىم
ئۆزەمگە  تاياندىم  قىلچە مىھىر تىلىمىدىم خەختىن
بىچاق سالسا  ئاقامدىن  مەن   بۇرۇلمايلا  كەتتىم
يۈرۈگۈمدە قوياپ قويمە چۈشۈرۈپ قويمە سەپتىن
كۈلۈپ قويمە ئۇمۇ ئىنسان  ياشىۋالسۇن دەيتتىم
ئىغىزدىن چۈشمەۋاتقان ئاشۇ چىن دوسلۇرۇم قىنى
باشقا كۈنچۈشتى  چاقاسام دەل تۇتۇلدى  تىلى
ئاغىنلىرىم ئالدىراش ئەي يىراق مەندىن دىدىم
ئاغىنەم بىرىپ  يانا بىر ئاغىنەمنىڭكىنى يىدى
ئىشىك چىكىلىپ كىردى بىرسى قۇچاقلىدى مىنى
دىدى ماڭا يۈرەك پارەم بەك سىغىندىم سىنى
تونۇمۇدۇم ئەمما ئۇنى سورۇدۇم زاتىڭ نىمە؟
سىنى ئالغىلى كەلدىم مىنىڭ ئىسمىم ئەجەل دىدى
ھايات شۇنچە گۈزەل ئەمما پۇتلىشىمە تاشقا
لىكىن رەھىمسىزكەن دۇنيا پەرۋاسىزكەن ياشقا
ئىنتىلىمەن توختىماستى   مەنزىلىم  يىراقتا
قەدىمىم  شۇنچە تىز ئەمما  يۈرۈگۈم بەكلا ئاستا
سۇسىز قالىمەن بەزىدە بىر  پايانسىز چۆلدە
بەزىدە  يولدا قالىمەن بەزىدە قاراڭغۇ گۆردە
ھاياتنىڭ ساناقلىرى يىغلاتسىمۇ چىرايدا كۈلكە
باش ئەگدۈرگىنى ئەتراپىمدىكى ئادەنسىمان تۈلكە
ماڭغىنى ئۆزەمنىڭ يولى پىشانەمدە قۇياش نۇرى
ئۆز گۆرۈمنى كولايدۇ چوقۇم بىركۈن ئۆزەمنىڭ قولى
قارا باسقان ھايات يولۇمدا بار زۇلمەتنىڭ سۈرى
مەن ئۆزەمگە خان ئەمەس مەن جاھاننىڭ  قۇلى
يۈرۈگۈم قاراڭغۇ كىچە ئەمما كۆز ئالدىمدا كۈندۈز
كۆز ئالدىمدا تار كوچا بىھۇش قەدەملىرىم  تۈپتۈز
ماڭا كرىىكى نىمە؟ پەقەتلا  بىرخىل سۈكۈت
بولدى بەس يىشىلمىگەي پەس كۆڭۈلنىڭ  سىرى
بۈگۈن كىچە جىمجىت ئاسماننىڭ رەڭگى ئۆچكەن
مەن بولسام دەرىزە تۈۋىدە كۈن چىقىشىنى كۈتكەن
كاللامدا لىق جاۋاپ مەن ئۆزۈمگە قويىمە سوئال نىمىشقا
سۆيۈلگەن قالدى نىمىشقا سۆيۈلمىگەنلە  كەتكەن
قولۇمدا قەلەم كىچە بىلەن سۈرۈۋاتىمە  خىيال
كىم كىملەرگە ھەمراھ كىملەر ئۇيقۇدىن بىدار
ئۆمۈر شۇنچە قىسقا مىنىڭ يولۇم قانچە ئۇزۇن
مەن دۇنياغا  باقىمەن ئەمما دۇنيا مەندىن بىزار
ھايات يولۇم زۇلمەت ئىچى تىشىنى تۇمان باسقان
بۇ دۇنيا  ماڭا يات خۇشاللىق مەندىن يىراق قاچقان
ھاياتنىڭ رەناسى ئەمەس ھەقىيقى  مەنالىرى كىرەكتى
ئەپسۇس ھايات ياخشىغا يۈزسىز يامانغا قۇچاق ئاچقان
گۆشتىن پۈتكەن يۈرەك ھەممىگە چىدىشى كىرەكمۇ
ياكى ئىچىدە قان ئاقسىمۇ كۈلۈپ ياشىشى  كىرەكمۇ
سەۋىرنىڭ چىكى بولسا زەردى زادى كىمدە؟
ئىنسان دۇنياغا يىغلاپ كەلدى يىغلاپ كىتىشى كىرەكمۇ؟
كىم بىلدى ئاپ ئاق كۆڭۈلدىن قان ياش ئاققاندا
ئاپ ئاق ۋاراقتەك كۆڭۈلگە ھاياتنىڭ  قىسمىتى ياققاندا
جاھان رەھىمسىزمۇ ياكى تەقدىر ماڭا كاجمۇ ئىنسان
ئامالسىزكەن رەھىمسىز دۇنيادا قارچۇغۇڭ قاتقاندا
نۇرغۇن چىرايلا كۈلكە ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكى زىدە
قارا باسقان چۈشلۈرۈمنىڭ  تەبىرى زادى نىمە؟
تۇرمۇش خۇددى بىر دىڭىز مەن لەيلەۋاتقان كىمە
نىشانىم ئىنىق ئارقامدا  قىپ  قالغىنى  نىمە
ئۆتتى نەچچە باھار يەنە كەتتى قانچە  زىمىستان
كەتتى بەزىلە مەڭگۈلۈك قىپ قالغىنى قەبرىستان
ئۆتۈۋاتىدۇ شۇنداق ھەممە ئوخشاش بىر خىل رىتىم
ئەسكە ئىلىنارمۇ بىر كۈن ئاشۇ قار ياغمىغان  زىمىستان
كەتكەنلەر كەتتى بىزگە قالدى جاھاننىڭ ساۋىقى
يەتتە ئۆيدە يەتتە يىتىم تالادا قالدى ئايىقى
قىرلانغان رومكا  ئوخشاش بىرخىل سۈكۈت
ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىم مۇساپىرلار قاۋىقى
ئۆتتى نەچچە باھار يەنە كەتتى قانچە  زىمىستان
كەتتى بەزىلە مەڭگۈلۈك قىپ قالغىنى قەبرىستان
ئۆتۈۋاتىدۇ شۇنداق ھەممە ئوخشاش بىر خىل رىتىم
ئەسكە ئىلىنارمۇ بىر كۈن ئاشۇ قار ياغمىغان  زىمىستان
كەتكەنلەر كەتتى بىزگە قالدى جاھاننىڭ ساۋىقى
يەتتە ئۆيدە يەتتە يىتىم تالادا قالدى ئايىقى
قىرلانغان رومكا  ئوخشاش بىرخىل سۈكۈت
ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىممۇساپىرلار قاۋىقى
专辑信息
1.SuKuT