Kozum yolungda(盼望着你)

歌词
كۆزۈم يولۇڭدا
تېكىستى،مۇزىكىسى:خەلقنىڭ
رەتلىگۈچى:ئابدۇرىشىت يۈسۈپ
چالغۇلاشتۇرغۇچى:دىلشات ئەنۋەر ئاۋامۇسلېىم
تېكىست كىرگۈزگۈچى:غالىپجان غوپۇر
يارىم كەتتى يىراقلارغا قايتىپ كېلەمدۇ
سەن ئۇياندا مەن بۇ ياندا ئۆمۈرۈم ئۆتەمدۇ
يارىم كەتتى يىراقلارغا قايتىپ كېلەمدۇ
سەن ئۇياندا مەن بۇ ياندا ئۆمۈرۈم ئۆتەمدۇ
كەل مېنىڭ گۈلۈم ،يولۇڭدا كۆزۈم
ۋاي ۋاپادارىم ئۆزۈڭ
كەل مېنىڭ گۈلۈم ،يولۇڭدا كۆزۈم
ۋاي ۋاپادارىم ئۆزۈڭ
يار ئىشقىڭدا خەندان ئۇردۇم پەرۋانە بولۇپ
سۆيگۈڭ ئوتىدا كۆيدى يۈرەك مىڭ پارە بولۇپ
مەن كۆيدۈم يار ئوتۇڭدا ۋاي مىڭ دانە بولۇپ
كۆيدۈردۈڭ يار ئوتۇڭدا ۋاي سەرسانە قويۇپ
مۇزىكا
مەن سېغىنسام ئايغا باقتىم جامالىڭ قېنى
يۈرۈگۈمنى تۇتۇپ باقساڭ ئاياندۇر سىرى
مەن سېغىنسام ئايغا باقتىم جامالىڭ قېنى
يۈرۈگۈمنى تۇتۇپ باقساڭ ئاياندۇر سىرى
كەل مېنىڭ گۈلۈم يولۇڭدا كۆزۈم
ۋاي ۋاپادارىم ئۆزۈڭ
كەل مېنىڭ گۈلۈم ،يولۇڭدا كۆزۈم
ۋاي ۋاپادارىم ئۆزۈڭ
يار ئىشقىڭدا خەندان ئۇردۇم پەرۋانە بولۇپ
سۆيگۈڭ ئوتىدا كۆيدى يۈرەك مىڭ پارە بولۇپ
مەن كۆيدۈم يار ئوتۇڭدا ۋاي مىڭ دانە بولۇپ
كۆيدۈردۈڭ يار ئوتۇڭدا ۋاي سەرسانە قويۇپ
مۇزىكا
مەن بارايمۇ سەن كېلەمسەن سېغىندىم سېنى
ئالتە ئاي يازمۇ ئۆتۈپ كەتتى قېينىدىڭ مېنى

专辑信息
1.Kozum yolungda(盼望着你)