歌词
كەلمەكتە گۈزەل كۈنلەر ئازادە چاغلار
رەڭمۇرەڭ گۈللەر بىلەن ياساندى باغلار
بۇلبۇللار قانات قاقتى سايراپ بەس بەستە
بۇ توينىڭ نەغمىسىدىن تىزدۇق گۈلدەستە
گۈلدەستە گۈلدەستە
بۇ تويغا تىزدۇق گۈلدەستە
مەرھابا مەرھابا
دوسلارغا تىزدۇق گۈلدەستە
جان دوسلار گۈلدەستىنى قوبۇل قىلىڭلار
پەيزىنى سۈرۈپ بىرگە كۆڭۈل ئېچىڭلار
سەنئەتكار ئوغۇل قىزنىڭ سوۋغىسى شۇدۇر
بۇ گۈلدىن قەلبىمىزگە تىزدۇق گۈلدەستە
...
شۇ گۈلدىن قەلبىمىزگە تىزدۇق گۈلدەستە