歌词
采样:《失眠》
作曲:Ice paper
كەل! قارلىغاچ بولۇپ كەل!
مېنىڭ يېنىمغا، يۈرەك بېغىمغا .
كەل! يامغۇر بولۇپ كەل!
يېشىم كۆرمىسۇن، ھېچكىم بىلمىسۇن .
باھار … ئا…ئا…ئا…
باھار … ئا…ئا…ئا…
ئەگەر مېنى سېغىنساڭ كېچىدىكى يۇلتۇزلارنى سانىغىن سەن .
چۈنكى سۆيگۈم، يۇلتۇزدىنمۇ، يۇلتۇزدىن جىق سەن بىلسەڭ .
سېنى يىللاپ كۆرمەي . ئەھۋالىڭنى بىلمەي كۈنۈم ئۆتەر يولۇڭغا تەلمۈرۈپ .
ھەم زېمىستانغا كۆنمەي، مەن سەندىن ئۆتۈنەي
خەۋەر بەرگىن باھاردىكى گۈلدىن .
كەل! قارلىغاچ بولۇپ كەل!
مېنىڭ يېنىمغا، يۈرەك بېغىمغا .
كەل! يامغۇر بولۇپ كەل!
يېشىم كۆرمىسۇن، ھېچكىم بىلمىسۇن .
باھار … ئا…ئا…ئا…
باھار … ئا…ئا…ئا…
كەچكۈزدىكى سوغۇق شامال ياپراقنى دەرەختىن ئايرىغاندەك
مەنمۇ ئايرىلدىم سېنىڭ باغرىڭدىن قانىتىم قايرىلدى .
زېمىستاندا ئۇچقان ئىدىڭ قارلىغاچ بىلەن سەن يىراققا .
قارلىغاچ كەلدى سەن كەلمىدىڭ ياكى ئۇندىن بەرمىدىڭ خەۋەر .
بىلمىدىڭ ئەھۋالىمنى .
مەن ھەم بىلمىدىم ئەھۋالىڭنى .
ئاپپاق قاردا يالاڭ ئاياغ قوغلاۋاتىمەن باھارىمنى .
ئاڭلىدىڭمۇ ئاۋازىمنى .
باھار!!!
كېچىللىرى ئويلاپ سېنى ئۇيقۇم بىدار تۇيغۇم بىمار .
سەن كەلمىگەن باھارنى مەن ھەرگىز باھار دېمەيمەن .
كۆمدى ئىزىڭنى قىشتىكى قار قايان كەتتىڭ بىلمەيمەن .
ئۈستۈمگە يېپىنچا، ئاستىمغا سېلىنچا، مەن بولماي ئېشىنچا .
قوشۇلۇپ كېتەي ئاق قارغا مەن، مەندەك ئىنسان ئەمەس كەم.
نېمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتىدۇ پېشايۋىنىمدا قارلىغاچ بالىسى .
بەلكىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىزدەۋاتىمەن يەيدىغاننى؟
ياكى ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ دەيدىغاننى؟!
ياكى ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ دەيدىغاننى؟!
كەل! قارلىغاچ بولۇپ كەل!
مېنىڭ يېنىمغا، يۈرەك بېغىمغا .
كەل! يامغۇر بولۇپ كەل!
يېشىم كۆرمىسۇن، ھېچكىم بىلمىسۇن .
باھار … ئا…ئا…ئا…
باھار … ئا…ئا…ئا…
专辑信息
1.Bahar