歌词
تۆت تەڭگە پۇلنى دەپ ئاغىنىسىنى سېتىۋەتكەن
كونا ئۆينى دەپ ئانىسىنى تىرىك يۈتىۋەتكەن
مال-دۇنيا يۇقىرى مەرتىۋە،ھەممىسى ئولجاڭ
بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە،قېشىمدا بولساڭ
ئۆز قېرىنداش سىڭلىسىنى خەقنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ يولغا سالدى
ئۆز غورورى بەدىلىگە قۇرۇق ئابروينى قولغا ئالدى
باشقىلار قان-تەر بەدەلى
لېكىن ئۆستى ئۇنىڭ ئەمەلى
دە نېچۈن زەپەر سەۋەبى
باشلىقىغا تۆكتى زەرزەر ھەسەلى
ھەممىسى سېھرىگەرنىڭ ئويۇنى،سېھرىگەرنىڭ ئويۇنى
ئۆچكە دەيدۇ قارا قوينى
باشلىق دەيدۇ ئا زابوينى
ھارامغا توشتى قوينى
يۇقىرى بولدى ئورنى
شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ خوجايىنغا چىرايلىق كۆرۈندى
كونىنى تاشلاپ يېپيېڭى ئىشخانىغىمۇ بۆلۈندى
بۇلارغا ئۇ سۆيۈندى كېچە-كۈندۈزدىكى نىشاننى ئەمەسمۇ
داغ- غۇبارلارغا كۆنۈپ كەتكەن ئەسلى ۋىجدانى ئەمەسمۇ
ئىنساپ سودىگىرى ھەر دوقمۇشتا ئۇچىرايدۇ
ئىنساپ سودىگىرى سەن بىلەن ئوينىمايدۇ
ئىنساپ سودىگىرى ئاق-قارىنى سورىمايدۇ
ئىنساپ سودىگىرى سەندەك جىق ئويلىمايدۇ
ئاغىنەمنىڭ يەنچۇقى مېنىڭ ئۈزۈلـمەس خەزىنەم
نېمە كارىم مېنىڭ ئۇلار مەندىن رازىمۇ
سوراش مېنىڭ ئادىتىم قايتۇرۇش ئەمەس مەسىلەم
دەرۋازامنىمۇ ئاچمايمەن ئىشىك ئالدىمغا ئىزدەپ بارسىمۇ
كىچىك يېزامدا مېنى ئەۋلىيا دوختۇر دەپ بىلىدۇ
بىر دورا بىلەن دىڭ تۇرغۇزسام ۋاي رەھمەت دەپ كېتىدۇ
تۆت كۈن ئۆتمەي يەنە ئالدىمغا ۋاي جېنىم دەپ كېلىدۇ
نېمىشقا كېلىدۇ بۇ خەق مېنى باي قىلغىلى كېلىدۇ
مەكتەپ مۇدىرى تىمساھتەك ئاغزىنى چوڭ ئاچتى
شالداملىرىنى ئېقىتىپ مەكتەپتىكى قىزلارنى ئوۋلايتى
قەپەزگە سولايتى ،ئالى-مەكتەپتىكى پىرافىسورمۇ
ئىمتىھان بىلەن دىپلومنى گېلىغا تەڭلەپ ياتاققا زورلايتى
ئاشخانامدا ئىشلەتكىنىم ھارام قوينىڭ گۆشى
ۋىجداننى دۇكىنىمدىن سورىغىنى كۈندۈزدە ئۇخلاپ چۈشى
يەنە بار دوستۇم يەنە بار،بۇنداق ھېكايىلەر نۇرغۇن بار
بۇ زېمىندىن يىراق بىر جايغا قانات قېقىىپ ئۇچقۇم بار
مەن بىر ئىنساپ سودىگىرى
پايدا قاياقتا كۆپ بولسا شۇ يەرگە بارىمەن،كارىم بېمە
ئۆزۈم يالغۇز 400كۋادرات مېتىر ئۆيدە ياتىمەن،چوڭكەن دېمە
كىچىك ماگزىندا ساختا دورا ساتىمەن،كارىڭ نېمە
ئىنساپ بارمۇ يوقمۇ مەندە،ئىشىڭنى قىلە
ئىنساپ سودىگىرى مەن شەيتىنىم كۈچلۈك
ياخشى ئىشنىڭ پايدىسى ئاز ناچارنىك كۈچلۈك
كىم ئىشىنەر ئىنساپلىق ماڭا
ئىنساپ بىلەن مېنىڭ ئارىمدا ئىختىلاپ بار،
بۇ قېتىملىق ئىنقىلاپتا،مەن قاتناشتىم ئىنساپسىز تەشكىلاتقا
زەھەرنى ساتتىم 16ياشلىق بىر قىزغا
تېزلا ئايلاندى ئۇ قىز ئۇستقانسىز ئىسكىلىتقا
تۇغقانلىرىڭغا قاراپ باق،ئون يىل بۇرۇنقى تۇغقىنىڭ شۇمۇ
ئۇستقانلىرىڭغا قاراپ باق،سەبىتىڭ بۇرۇن سەن ھازىر كىمۇ
مەن ئىدىم بىر شەيتان،پايدامدىن ۋاز كىچەي ھازىر
ئىنساپ بەرسۇن ساڭا بۇ دۇنيادىن،بوپتۇ مەن كېتەي
سودىگەر مەن،ئىنسابىڭنى قايتۇرۇپ بېرەي
ئىنساپلىق ياشىغىن قاراڭغۇدا،بوپتۇ مەن سېنى ئەللەي ئىتەي
专辑信息
1.$wag uigga
2.RICHER AND COOLER
3.Insap sodigiri