歌词
يامان كۈنلەردە تۇققان ئىدۇق
روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق
پالاستىن تەستە ئايرىلىپ
گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق
تامان ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا
تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق
ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە
قانات قاتقاندا ياتلشتۇق
ئانام كەتتى بىرەر ئۆيدە
تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماستىن
ئىلىندى تاختىغا نانلا
ئازاپلاندى سۇرالماستىن
دادامنى مەنمۇ كەتكۈزدۈم
بىرەر پاقلان سۇيالماستىن
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان
تىنىپ يانغاندا ياتلاشتۇق
زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق
شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق
كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى
شۇلارغا نان ياققۇزدۇق
قىلىپ تەنە بەزەن جاھان
جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق
باقار چاغدا باھانە كۆپ
كىسەل ياتقاندا ياتلاشتۇق
ئانا كەتتى دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى
چالارغا ساز ئىچەرگە ئاش
كۆڭۈلدىن بىرگە ياز كەتتى
ئىزادا ئۆتتى ھېيىت ئايەم
قىلالماي جەم قېرىنداشنى
ئۆتەرمىز ئۇچۇرشىپ قالساق
ئارانلا لېڭشىتىپ باشنى
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا
ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق
تالاي يىللىق قېرىنداشلىق
مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق
专辑信息
1.Dartlirimni Sorima
2.Yatlaxtuk
3.Qin Muhabbat新版
4.Qin Muhabbat经典版
5.Gunah Uzamda经典版
6.Yatlashtuk
7.Barmu Daydu
8.Keni Wadang
9.Kerindaxla
10.Yanfunum Sayrimas Bolde
11.Oz Yarga Yitamdu
12.Axik Hasriti
13.Kerindaxlar新版
14.Oz Yariga Yitamdu新版
15.Kal Azizim
16.Kizil Gul
17.Tukkanlar
18.Bu Kiqida
19.San Parwasiz
20.Bir Kalsang
21.Yalgan Eyitma
22.Hapta Nahxa
23.Yigitlar
24.Hikaya
25.Zarliniman
26.Man Izligan Yar Kayda
27.Barsun Muhabbat
28.Korgili Kaldim
29.Gunah Uzamda新版