歌词
گۇمان ۋە ئارمان
ئابلاجان-شېرىنگۈل-فېردوس
مېنى ئاۋارە قىلما ،
يەنە مۇھەببەت سورىما.
ھەر دائىم ئىزدەپ يۈرۈپ ،
ئېغىزىڭدا يالغان كۆيۈپ.
ئەمدى تېلېفۇن قىلما ،
ھەرگىز ئۈمۈدۋار بولما،
ماڭا ئىشەنىچ باغلاپ،
ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلاپ.
ھەي قىز بىل كۆڭلۈمدە بىر سەن،
ھەم راسىتتۇر سۆزلەرىمگە ئىشەن.
قىلماسمەن ھېچكىمنى ساڭا تەڭ،
بىر ساڭا كۆيۈپ چېن دىلدىن سۆيۈپ.
سېنى دەپ غەمگە لىق تولدى باشىم،
ئاز قالدى تۆكۈلگىلى ياشىم،
كەلگىنە بولغىن قاياشىم ،
سۆيگۈڭنى بىرىپ قوينۇڭغا ئالغىن.
سىزەلمىدىم ساداقەت سىزەلمىدىم مەن،
ئىشەنمىدىم سۆزۈڭگە ئىشەنمىدىم ھەم ،
كۆزلۈرۈڭگە ئىشەنمىدىم
بىلەلمىدىم سەۋەبى بىلەلمىدىم مەن،
ئۇتالمىدىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم ھەم،
ھاردىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم.
Music...
ئاڭلىغۇم يوق قايتا،
چۈنكى سوزۈڭ ساختا،
ھەممىگە قىلما ھەۋەس،
بىل سۆيگۈ ئويۇن ئەمەس.
ساڭا ھېچ كۆڭلۈم يوق،
كۆرۈشۈشكە ۋاقتىم يوق.
سېنىڭدىن بولاي پەخەس،
يىگىتىم بولمىقىڭ تەس.
ھەي قىز مەن سۆزلۈرۈڭگە ھەيران،
ئۇ مەن ئەمەس سەن ئويلىغان،
ھەم ساختا نىيەت بولمىغان،
قول ئۈزمەسمەن ،ۋاز كەچمەسمەن.
ئۇيلىما مېنى ئەسكى بالا،
تىكىلىپ كۆزلۈرۈمگە قارا.
سالماسمەن كۆڭلۈڭگە يارا،
ئىشەن ھەردەم بۇ مېنىڭ ۋەدەم.
سىزەلمىدىم ساداقەت سىزەلمىدىم مەن،
ئىشەنمىدىم سۆزۈڭگە ئىشەنمىدىم ھەم ،
كۆزلۈرۈڭگە ئىشەنمىدىم.
بىلەلمىدىم سەۋەبى بىلەلمىدىم مەن،
ئۇتالمىدىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم ھەم،
ھاردىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم.
بۇ جاھان بەزىدە كەڭ بەزىىتار،
ھېچكىمنى ھېچكىمگە قىلماس خار.
يالغان سۆزلەپ تۇتقان بىلەن قوش يار،
بىر كۈنى ئاسار جاھان سېنى بولۇپ دار.
پەيتى كىلىپ بۇ سىرلارمۇ ئېچىلار،
ئىككى جۈپ كۆز غەزەپ بىلەن سورىشار.
ئۇ كىم؟!
ئۇ كىم؟!
مەن زادى كىم!
سىزەلمىدىم ساداقەت سىزەلمىدىم مەن
سېنىڭدىن ھېچبىر ۋاپا كۆرەلمىدىم ھەم
ساڭا پەقەت ئىشەنمىدىم ئىشەنمىدىم
بىلمىدىم بۇنىمە ھېچ بىلەلمىدىم مەن
ئالدىرىما سۆزىمگە قۇلاق سالغىن ھەم
قانداق چۈشەندۈرۈشنى ھېچ بىلەلمىدىم
THE END
专辑信息
1.Guman We Arman
2.Meshrep nawasi (Uyghur \ Engli
3.Yigit _ qizlar
4.Mektep guzili
5.Ying Yil
6.Tetil
7.Bugun
8.Etles koynek - Ablajan Awut Ayup
9.Aptap chiq
10.Mashina adem
11.Qar melike
12.Sadda qizchaq
13.Sadda qizchaq (Rap Remix)