歌词
ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى
قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس
سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىپ باقتىم قىياس
تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن
بۇيۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن
قەلبىمدە سەن ئامان قالىسەن جېنىم
يەنىلا مەن كەبى سۆيەلمەس ھېچكىم
مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن
سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ
مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ
مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن
سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ
مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ
مۇزىكا
كىملەرنى ياد ئەتتىم كىملەرنى كۈتتۈم
مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان
ئالدىراش يولىنى كېزىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم
ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان
تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن
بۇيۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن
قەلبىمدە سەن ئامان قالىسەن جېنىم
يەنىلا مەن كەبى سۆيەلمەس ھېچكىم
مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن
سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ
مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ
مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن
سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ
مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ
专辑信息
1.Nahxa Eyitsam新版
2.Muhabbat
3.Kutux
4.NahxaEyitsam