歌词
تاڭ ساباسى يەلپۈسە لەرزان نازغىدۇ گۈللەر
گۈل بىلەن تەڭ مەستانىدۇر شەيدا كۈڭۈللەر
…
زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
كەپتەر بۇلۇپ بىر ئاشىغىم بۇقۇلدار ئۈنلەر
زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
تۈنلەر تۈنلەر يۇلتۇزلۇق تۇنلەر
گۈللەرگۈللەر پۇرىسا گۈللەر
تەنھالىقتا بىر ئاشغىم بۇقۇلداپ ئۈنلەر
♬♬♬
گۈل بەرگىدە سەھەر پەيتى پارلايدۇ شەبنەم
گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم
گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم
بوپ قالغانمۇ جانۇ ـ جىسمىم گۈلگە مۇجەسسەم
ھىدلىرىڭنى گۈل ھىدىدىن ھىدلىدىم سەنەم
گۈللەر گۈللەر جىلۋىگەر گۈللەر
قۇچاغىمدا يار بولمىغاچ كۆكسۈمدە چۆللەر
♬♬♬
باسالمىدىم ئوتلۇرۇڭنى ئىپارۇ ئەنبەر
قەيەرلەردە قارارگاھىڭ گۈل يۈزلۈك دىلبەر
ئەي…
سىنى ئىزلەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ شەھەر
كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر
سىنى ئىزلەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ شەھەر
كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر
زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
كەپتەر بۇلۇپ بىر ئاشىغىم بۇقۇلدار ئۈنلەر
تۈنلەر تۈنلەر يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
كۈنلەر كۈنلەر بۇ ئۇزۇن كۈنلەر
تەنھالىقتا بىر ئاشىغىم بۇقۇلدار ئۈنلەر
تەنھالىقتا بىر ئاشىغىم بۇقۇلدار ئۈنلەر
。。。
专辑信息
12.Anajan (母亲)
14.Daday (达代)