歌词
«سەھرا»
ئابدۇللا ئابدىرىم
دادا، قەلبىم ئىنتىلەر ئۆركەشلىگەن دەرياغا
مەن شەھەردە چارچىدىم، ئېلىپ كېتىڭ سەھراغا
قىزىم، مەيلى كۆڭلىڭىز، چىقايلى بىز سەپەرگە
شادلىق ئېلىپ كىلەيلى چارچىغان شەھەرگە
قارا دادا! يايلاقلار پادىلارنىڭ جەننىتى
ئەركىن خۇشال ناخشىسى زوقلاندۇرار ھەممىنى
مېھىر بېرىڭ چىن دىلدىن يۇرت تۈۋرىكى تاغلارغا
پاك زىمىننى چۈشىنىڭ كېلىپ دوستۇم سەھراغا، سەھراغا
******* مۇزىكا *******
قاراڭ قىزىم، بۇلاقلار ھاياتلىقنىڭ ئەلچىسى، ھاياتلىقنىڭ ئەلچىسى
يېشىل ئورمان كۆك ئاسمان پاكىزلىقنىڭ بەلگىسى، پاكىزلىقنىڭ بەلگىسى
جېنىم دادا، سامادا چاقناپ تۇرار تولۇن ئاي
تاڭ ئاتىدۇ ھەر كېچە يۇلتۇز ساناپ بولالماي
مېھىر بىرىڭ چىن دىلدىن يۇرت تۈۋرىكى تاغلارغا
پاك زىمىننى چۈشىنىڭ كېلىپ دوستۇم سەھراغا، سەھراغا
专辑信息
1.Sahra (乡村)