歌词
قۇلاق سالىپ ئىشىتكىل مەنىڭ ئەرزىمنى،
كۈندىن-كۈنگە بىتەلەي بولدۇم دەردىڭدە.
نىلەر چەكتىم پىراقىڭ ھىجرىڭدە ،
قانلار يۇتۇپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە.
بىر ئوق ئەردىم ھەر تەرەپلەرگە ئاتىلدىم،
سەن يار ئۈچۈن ئىشىكلەرگە تەلمۈردۈم.
يارى-يار دەپ يات يەرلەرگە ساتىلدىم ،
يارى-يار دەپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە.
غايىبانە باغۋەنگە خىزمەت ئەيتارمەن،
بىلمەدىممەن مەقسەتكە نېچۈك يېتەرمەن.
چۆللەر كېزىپ باشىمنى ئالىپ كېتەرمەن ،
ئۆزگە ۋەتەن تۇتار بولدۇم دەردىڭدە.
غېرىپ ئەردىم گۈل قويدى مەنىڭ ئاتىمنى،
بۇ ۋەتەندە ھېچكىم بىلمەس دادىمنى.
سەندىن ئۆزگە كىمگە ئەيتاي ئەرزىمنى،
مەن ساڭا ئەرز ئەيتار بولدۇم دەردىڭدە.
ئوخشايدۇ ئۆزى بىر ئاي سېنى كېلەدىغۇ دەپ،
گۈل غۇنچەسىنى يارەي شەھرىڭدە خۇمارىڭ.
بىركۆرۈپ سېنى يارىم، قالمىدى مېنىڭ ھالىم,
بىر باقساڭچۇ سەن يارىم، تەڭ بولۇپتۇ ئەھۋالىم.
بارالى دېمەپمىدۇق، يانالى دېمەپمىدۇق,
شەرتىمىز قىزىل ئالما چىشلەشىپ يېمەپمىدۇق.
专辑信息
1.Balbyraun
2.Terme
3.Sanam
4.Chabbiyat Tazi Marghul
5.Meskin II
6.Masq-e Javanan
7.Woy Bela
8.Kharagay
9.Nava
10.Xiao Yue Er Gao
11.Choban Bayati
12.Mokhalef
13.Shushtari
14.Itsuki no Komoriuta
15.Ker-Tolgoo
16.Jiu Kuang
17.Ilme
18.The Gallop of Jonon Khar
19.The Nightingale
20.The River Herlen
21.Ufar-e Bayat
22.Shawm and percussion band from Southern Liaoning
23.Jew's harp melody
24.Khai
25.Tepen Kök
26.Kögmen
27.Excerpt from Alpamish Epic
28.Qara Olu
29.Dargilik
30.Kuu
31.Madh
32.Love song
33.Kyrgyz Wisdom Song
34.Sufi Hymn
35.Alevi Song
36.Kertolghau
37.Lament
38.Mizghan-i Siyah
39.Charzarb
40.Zikr
41.Beyish Namasi
42.Mahur
43.Dance of Tamir Agha
44.Fakhri Havasi
45.Dilkash
46.Uchun Dur