歌词
Hook:
قالدى كۆڭلۈم پەرىشان ،
تەلمۈرۈپ يوللىرىڭغا .
نالە قىلىپ ئۆز ئۆزۈمگە ،
ھەسرەتنىڭ قوينىدا.
ياغماقتا قار لەپىلدەپ ،
تامچە بۇلۇپ مەڭزىمگە .
سىرغىدى ياش ۋۇجۇدۇمدىن،
كىرىپ ھەسرەت ئەلەمگە .
كۈلكۈلەرىم تۇزۇپ گۈلدەك،
پىغانلىقىم ئىلكىدە.
سېغىنسام قەلبىم ئىزلەر،
يۇلتۇزسىز تۈنلەردە.
گۈللەرىم تۇزۇپ كۈلدەك،
پىغانلىقىم ئىلكىدە.
سېغىنام قەلبىم ئىزلەر،
يۇلتۇزسىز تۈنلەردە.
ئولتۇراتتىم كونا جايدا ،
تەلمۈرۈپ يوللارىڭغا.
ساقلاپ كېچە كۈندۈز بولدى،
كەلمىدىڭ ھىچ قېشىمغا .
سېغىندىم ئوت پىراقتا ،
لىكىن كەتتىڭ سەن يىراققا.
تەنھا يۈرەكتە يانارمۇ،
سۆيگۈدىن نۇرلۇق چىراقلار .
يۇلتۇزسىز شۇ كېچىدە ،
ھەسرەت قىيا گىرۋىكىدە .
تۇلۇنئايمۇ ئورغاق بولدى،
يالغۇز يىگىت ئىلكىدە.
كەلگەنتىڭ ئوتنى سېلىپ،
توزۇدۇڭ دەرتنى سېلىپ .
قالدىم مەن يالغۇز غېرىپ ،
يىگانە دەرتتە قېلىپ .
قالدى كۆڭلۈم پەرىشان ،
تەلمۈرۈپ يوللىرىڭغا .
نالە قىلىپ ئۆز ئۆزۈمگە ،
ھەسرەتنىڭ قوينىدا.
ياغماقتا قار لەپىلدەپ ،
تامچە بۇلۇپ مەڭزىمگە .
سىرغىدى ياش ۋۇجۇدۇمدىن،
كىرىپ ھەسرەت ئەلەمگە .
سىنئالغۇدا قۇيۇلۋاتىدۇ ،
سەن ئامراق پىلاستىنكا .
پىرچاستوتىغا توغۇرلاقلىق،
يۈرەك قېلىپى تىڭشايدۇ.
شىرە ئۈستىدە ئىسسىق قەھۋە ،
بۇرۇنقىدەكلا دەملەنگەن .
يېنىمدىكى ئورۇن قۇرۇق،
يۈرەكىم كىمنى ساقلايدۇ.
توساتتىن ناتۇنۇش ئاۋاز،
ناتۇنۇش سۇئاللارنى سوراۋاتىدۇ،
سىز بىر ئادەممۇ ياكى،
دەپ پىسسىڭىدە كۈلىۋاتىدۇ.
ياق دەپ بۇلۇپ كېيىن يەنە، ئېسىمنى بىلىپ ھە دىدىم.
شۇ پەيىتتە سەن يوق،
تەنھا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
مۇلازىم دەپ بوم ئاۋازدا ،
ئاۋۇ ۋوتكىدىن بىر رومكا.
ئۆزەمچە ئويلايمەن،
قىېقۋەتسەم سېغىنىش پەسىيىپ تۇراما.
بىر ئىككى ،
ئارقىدىن ئۇلاپ رومكا ئۈچ تۆت بەش .
ئەقىل ھېسياتقا تەن بەرگەندە،
كۈندۈزگە ئۇلاندى يەنە بىر كەچ.
ئوف!
نېمە بولدۇم بىلمەيمەن شۇنىسى نامەلۇم.
تۇنۇش مەنزىرە مەن سېغىنغان،
كۆز ئالدىمدا ئولتۇراتتىڭ.
لىكىن مەن خوشال ئەمەس،
يەنىلا يۈرەك پۇچۇقتەق.
بولدى ساڭا راس گەپ قىلاي،
جانان سىنى سېغىنىدىم.
كۈلكۈلەرىم تۇزۇپ گۈلدەك،
پىغانلىقىم ئىلكىدە.
سېغىنسام قەلبىم ئىزلەر،
يۇلتۇزسىز تۈنلەردە.
گۈللەرىم تۇزۇپ كۈلدەك،
پىغانلىقىم ئىلكىدە.
سېغىنام قەلبىم ئىزلەر،
يۇلتۇزسىز تۈنلەردە.
专辑信息
1.Yurek soz