Ligir Ligir &Abduwali Tohti

歌词
لىغىر لىغىر (Ligir Ligir)
سۆزى، مۇزىكىسى: تۇراپچان ھاپىز
ئاكورتلاشتۇرغۇچى/ئورۇنلىغۇچى: ئابدۇۋەلى توختى
‎ئۇيان ئۆتۈپ بۇيان ئۆتۈپ،
‎خىياللىرىمنى ئالدىڭىز.
‎قىيا بىقىپ ماڭا يېقىپ،
‎يۈرەككە ئوتىنى سالدىڭىز
‎قانداق قىلاي قانداق قىلاي،
‎چىدالمىدىم كۆيدۈردىڭىز.
‎داۋاسىنى سىزدىن سوراي،
‎ئامالىنى بىلدۈرسىڭىز.
‎لىغىر لىغىر تىتىرەيدۇ،
‎بويلىرڭىزغا مەپتۇن كۆزۈم.
‎قاراپ قاراپ تويمايدۇ،
‎رۇخسارىڭىزغا شەيدا ئۆزۈم.
Music...........
‎كۈلۈپ كۈلۈپ ئىچىلىپسىز،
‎مىنى مەسىتخۇش ئەيلىدىڭىز.
‎ئاجايىپ بىر سىھىر بىلەن،
‎سىھىرلەپلا قەستلىدىڭىز.
‎قانداق قىلاي قانداق قىلاي،
‎چىدالمىدىم كۆيدۈردىڭىز.
‎داۋاسىنى سىزدىن سوراي،
‎ئامالىنى بىلدۈرسىڭىز.
‎لىغىر لىغىر ئاھ تىتىرەيدۇ،
‎بويلىرڭىزغا مەپتۇن كۆزۈم.
‎قاراپ قاراپ تويمايدۇ،
‎رۇخسارىڭىزغا شەيدا ئۆزۈم.
专辑信息
1.Ligir Ligir &Abduwali Tohti