歌曲 / 歌词

Tar Koqa

Quintino & BlasterjaxxListen on Apple Music

歌词

كۆز ئېچىپ ئالەمگە تۆرەلگەنىدىمەن
شۇ گۈزەل ھۆسنۈڭگە باقتىم تار كوچا
شۇ گۈزەل ھۆسنۈڭگە باقتىم تار كوچا
جان ئانامنىڭ باغرىدەك باغرىڭغا مەن
قانمىدىم باغرىمنى ياقتىم تار كوچا
جان ئانامنىڭ باغرىدەك باغرىڭغا مەن
قانمىدىم باغرىمنى ياقتىم تار كوچا
‎ئۆتكىنىمدە قويۇنلىرىڭدىن ھەر زامان
تەلمۈرۈپ تويماي قارايمەن تار كوچا
كىم سېنى تار دەيدۇ قوينۇڭ بىر جاھان
‎بىر گۈزەل ئەي دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
كىم سىنى تار دەيدۇ قوينۇڭ بىر جاھان
بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
‎سەندە خۇشخۇي مىڭ ئانىنىڭ مېھرى جەم
‎شۇڭا مەن ئىشقىڭدا ياندىم تار كوچا
مەيلى پارىژ، مەيلى ئىستانبولدا مەن
‎سېغىنىش ئەي قەلبىمدە گۈلخان تار كوچا
‎مەيلى پارىژ، مەيلى ئىستانبولدا مەن
‎سېغىنىش ئەي قەلبىمدە گۈلخان تار كوچا
مىنى تۇغقان جان ئانامسەن تار كوچا
مىنى ئۆستۈرگەن ئانامسەن تار كوچا
‏شۇنچە بەرنا قىز يىگىتكە پاسىبان
‏بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
‏‏شۇنچە بەرنا قىز يىگىتكە پاسىبان
‏بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
‏بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
تىكىستىنى ئىشلىگۈچى :يۇپۇرغا

更多歌手作品

专辑信息

Radio-Uyghurum →
  1. Tar Koqa
  2. Sehinix
  3. Gulqiman
  4. Bayawan(翻自 民间)