歌词
ئۇچاڭدا مەكتەپ فورمىسى
سەن چوڭ بولدۇڭ گۈلدەك بەئەينى
سېنىڭ سەبىى سۆزلىرىڭ
تەبىئىي كۈلگىنىڭدىنمۇ ھەيۋەت چىقاتتى
مەكتەپتىن چىقتىڭ ئۆي يىراق
گۈل چاچاتتى خۇشپۇراق
بۈگۈنكى شەپەق شۇنچە ناتونۇش
ھوزۇرلانغىڭ كەلدى ئورتاق
ئەمما يېنىڭدا ھېچكىم يوق
ماڭدىڭ يالغان كۆڭلۈڭ توق
سېنى قوغلاشقان يىگىت شوخ
قالدۇرغۇڭ يوقتى يۈرەككە تاتۇق
بەلكىم ئۇ تاتۇق ساڭا مىسلىسىز تارتۇق
قىپ قويامسەن تاش يۈرەك
ئۇنى ئاشىقسىز مەشۇق
ئۆزەڭنى بەزلىدىڭ باشقىچە
ئۇنى توختىماي ئەسلىدىڭ
كەلدى ئەمدى پۇرسەت
ھە ئىككىلەنمىدىڭ رەت قىلمىدىڭ
كەچ شۇنچە تىمتاس
ھەمراھ سىلەرگە ئاي يۇلتۇز
تەس باھانە بولۇشى
كۆرۈشۈشكە زېمىستان ياكى تومۇز
توزىدى توزىدى ئەتىرگۈل
ئەمدى كەلمەسكە كەتتى
سەن بىلەن ئۆتكەن بەختلىك كۈن
قالدىڭ قەھرىتاندا ئۈستى بېشىڭ ئاق قاردا
دەردىڭگەداۋا بارمۇ دەپ يىغلايتتىڭ تەڭرىگە
كۈنلەر ئۆتتى شۇنچە خوش بولۇش ئىلكىدە
ئازاب دەرت يىراقتەك
ھەربىر مىنۇتنى ئېسىڭدە تۇتقۇڭ بار
خۇددى ئۇ چىراغتەك
يورۇتتى ھەر بىر تۈنۈڭنى
خۇشاللىققا چۆمدۈردى كۈنۈڭنى
توي قىلغۇڭ با ئۇنىڭ بىلەنلا
كۈندە خىيال قىلىپ كەلگۈسنى
ئاپاق توي كۆينەك ئۇچاڭدا
ئۈزۈك نامسىز بارماقتا
كىچىك ئوغلۇڭ قۇچاقتا
ياكى چوڭى ھېرىسمەن پىكاپقا
قولىدا ھاسا، يۈزىدە قورۇق
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە
كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ
خىياللىرىڭ ئۆزگىچە
يۈرىكىڭنىڭ خوش تارىنى چەككەن ئۇ
ئويلاپ دەيسەن ئايرىلسام چىدا مەنمۇ
كۆپ ئەلەم بەلكىم ئالدىڭدا يۇلتۇزدەك
ئەلەملەرنى يەڭگىدەك ئىشەنچىڭ بارمۇ
ئەلۋەتتە ھەممە ئىش ئويلىغاندەك بولماس
بۇ دۇنيادا چېچىلماس ئۇنچىمۇ بولماس
ئۈزۈلمەس رىشتە مەۋجۈت دەپ ئويلىما
پەقەت ئۈزۈلىدىغان ۋاقتى ئوخشىماس
توزىدى توزىدى ئەتىرگۈل
ئەمدى كەلمەسكە كەتتى
سەن بىلەن ئۆتكەن بەختلىك كۈن
قالدىڭ قەھرىتاندا ئۈستى بېشىڭ ئاق قاردا
دەردىڭگە داۋا بارمۇ دەپ يىغلايتتىڭ تەڭرىگە
كەلدى بىلدىڭمۇ نازۇك قىز مۇھەببىتىڭگە قارا بوران
ئەمدى باھار ئىللىق شامىلى
بىلىنىشى مۇمكىن سوغۇق شىۋىرغان
سەن ئىشەنگەن شۇ يىگىت ئەكىلىتىپ يۈرىدۇ باشقىنى
ساڭا ئەمدى قىلغان سۆزلەر ياتقا قىپ بولۇپ ئاشقىنى
كۆرۈنمىدى كۆزىگە يېنىغا داۋان ئاتلاپ بارغىنىڭ
ھېس قىلدىڭمۇ ئەمدىلىكتە تاشلىقىنى باغرىنىڭ
ياشلار قۇرۇپ بولدى، بولدى ۋاز كېچىمەن دېمە
مۇھەببەتتىن قېچىپ ئەمدى بىلىنمىدى ھارغىنىڭ
ئەرزىمەيدۇ ياشلارغا دەيتىڭ ئەمما نەتىجىسىچۇ
توزىتىۋەتتى كۆزۈڭگە قاراپ ئەمدى ئېچىلغان گۈلنىمۇ
مەكتەپتىن چىقتىڭ ئۆي يىراق ھېچكىمگە ئاچمايسەن قۇچاق
ئەمدى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىن بۇ ساڭا ئەڭ ئاچچىق ساۋاق
توزىدى توزىدى ئەتىرگۈل
ئەمدى كەلمەسكە كەتتى
سەن بىلەن ئۆتكەن بەختلىك كۈن
قالدىڭ قەھرىتاندا ئۈستى بېشىڭ ئاق قاردا
دەردىڭگە داۋا بارمۇ دەپ يىغلايتتىڭ تەڭرىگە
专辑信息