歌词
Beautiful
Qeyser-bextiyar/Trouble-Taran
后期制作:Murat-Musa
گۈزەل رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر
تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر
كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر
ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر
رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر
تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر
كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر
ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر
تاڭ سەھەردە ئۆستەڭ بويىدا
يۈرىمەن سېنى كۆرۈش كويىدا
ھىدىڭنى بىر پۇراپ ئۆلسەم يوق ئارمان
شۇ ئارماننى ئۆزۈمگە قىلىپ پەرمان
جەريان كېرەك مۇھەببەتلىك
كەل ماڭا يار بول تائابەتلىك
مۇھەببەتكە ساداقەتلىك
مەلىكەم بولىسەن نازاكەتلىك
باشقىلارمۇ قالسۇن بىز گە ھەۋەستە
ئەلۋەتتە ساڭا ئېرىشتىم بەكمۇ تەستە
گۈلزارلىقىمدىكى سەن بىر دانە گۈلۈم
ساڭا بەرگەن ۋەدىلىرىم ھېلىھەممۇ ئەستە
تاڭ سەھەردە ئۆستەڭ بويىدا بويۇڭنى كۆرۈپ قالدىم
يۈرۈكۈم رايىمغا باقماي ئىسمىڭنى توۋلاپ سالدىم
خىجالەتتىن يۈزۈڭ قىزاردى باغدا پىشقان ئالمىدەك
شۇ بىر كۈلكەڭ ئىشقى ئوتنى يۈرۈكۈمگە سالدى بەك
مەيىن شامال خۇشبۇي ھىدىڭنى ئېلىپ كەلدى يىراقتىن
شۇندىن بېرى خالىي بولالماي سېغىنىش قايغۇ پىراقتىن
سۆيگۈ ئېكرانىمدا سىمايىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ
ئەمما سېغىنىشلىق نالەم يارقاشىگە يەتمەيدۇ
گۈزەل رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر
تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر
كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر
ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر
رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر
تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر
كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر
ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر
ھەر كۈنى سەھەر مەھەللەڭگە بارسام يارىم سېنى كۆرگىلى
كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ تەييار تۇرىسەن قوشۇماڭنى تۈرگىلى
بىلمىدىم پۇرسەت چىقارمۇ ماڭا سەن بىلەن بىللە يۈرگىلى
بىلمىدىم مۇيەسسەر بولارمەنمۇ مۇھەببەت پەيزى نى سۈرگىلى
ئىسمىڭ كۆڭلۈمگە يادا مەن قىلاي مەجبۇرىيىتىمنى ئادا
مۇھەببەتكە تولغان يۈرىكىمدىن پەقەت سەن ئۈچۈن چىقىدۇ سادا
ئىسمىڭ يۈرەككە مۆھۈر مانا بۇ مۇھەببەتتىن دېرەك
مېھرىڭ ماڭا بەك زۆرۈر مېنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك
ئۆزگە باغقا كۆز سالمايمەن ئۆز بېغىملا كۇپايە
بەزىدە ئانچە-مۇنچە توڭ تېگىپ قويىسەن بەزىدە سىلىق-سىپايە
مەن سېنى قىلسام ھىمايە سەن ماڭا قىلىسەن كىنايە
بۇرەيھانلار ئىچىدە يېزىلىۋاتقان مۇھەببەتلىك بىر ھېكايە
گۈزەل رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر
تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر
كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر
ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر
رەيھانلار ئىچىدە يۈرەر
تەبەسسۇملۇق جۈپ كۆزلەر
كۆڭۈل ئىزھارىنى سۆزلەر
ئايدەك سۈزۈك تۇلۇن يۈزلەر
专辑信息
1.Beautiful