歌词
编曲 : ✘
Verse1
‎كېلىدۇ باھارمۇ زىمىستاننى ئۇزۇتۇپ بولمايدۇ ئەتراپىڭ ھەرۋاقىت جۇدۇن
春天总会取代寒冬腊月如约而至
‎ھايات مۇساپىسى ھەردائىم كەسكىن مەزمۇت تۇرالايسەن تاپساڭلا خۇدۇڭ
找到自我才能在这条激烈的生命之路上游刃有余
‎ھاياتنىڭ مۇشكىلى سىنايدۇ سېنى
生活充满挑战
‎سىناقتىن ئۆتكىدەك ئېرادەڭ قېنى
迎难而上的你在哪里
‎يولۇڭدا تەر تۆكۈپ توختىماي ماڭساڭلا مەقسەتكە يېتىسەن ھامان بىر كۈنى
只要你不放弃保持前行总能完成梦想
‎قائىدە نىزام قاندا بار، شۇ ئۇلۇغ ياراتقان تەندە بار
祖祖辈辈留下来的规矩习俗如财富般藏在体内
‎ئىنسان روھىدىكى پۈچەك قىلىقلار ئالۋەتتە سەندە ۋە مەندە بار
当然也不乏那我们都有的小缺点
‎تەڭكەش مۇزىكا قىستىغان ھېسياتقا تىللىرىم كەمتۈك تەسۋىرىم ئاجىز
缺乏能把音乐所要表达的意境抒写出来的能力
‎لىرىكا ئۈستىدە ئېلىپ ماڭغان بايانىم شائىرانە ئەمەس مەن ۋايىز
但我还是想要跟随诗人的步伐尽力而为
‎قاقشاشقا ۋايساشقا ھېچنىمە ئۆزگەرمەس مۇھىمى ھەرۋاقىت يېڭىچە ئىدىيە
抱怨无法改变任何东西唯有开阔新视野
‎تەپەككۇرۇڭ ئالدىدا ئۆتكۈر قەلەم دالدىدا پەرۋاسىز
‎باشقىلا بەرسىمۇ رەدىيە
思想前卫才不会被别人所影响
‎ئىنتىلدىم بىر مەزگىل مەۋھۇم چوقىغا، كاتەكنى بەرمىگەن ئاچ كۆز توخىغا
我曾向往过虚拟世界(后一句引用典故)
‎ئوخشايدۇ بەزىلەر شۇڭا دەيدۇ دائىم تېيلىنما ھەرگىز ناداننىڭ پوقىغا
要远离那些总是想法一致的无知者
‎بار-يوقنىڭ ھەممىنى سۆزلىدىم تېكىستتە چۈشىنىش سىلەردىن تىڭشىغۇچى ئەزىز
聆听的你们来理解我写下的这一句句事实
‎مەيلىم يوق باشقىغا ۋىجدانىڭنى تاشلىما يازمىسام داستان قەلەمگە قەرىز
只要能保持自尊写出更好的作品其他的我都无所谓
‎سۈبھىدە ئاي نۇرى چۈشتى دەپتەرگە قويدۇم قەلەمنى تېكىست تامام
清晨的曙光照耀在本子上我放下了笔完成了歌词
‎قەلىبتىكى روھنى خاتىرلەپ ئەسەردە بولىدۇ ھەر ۋاقىت مۇشتاق داۋام
我会继续如此记录下心中所想
‎‏Hook
‎ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرىمۇ غۇۋا، سىرتنى قاپلىغان پۈتۈنلەي تۇمان
桌前的灯铺满了灰尘微微一亮
‎ئەزىزلىرىم ماڭا بەرگەندە، كۆڭۈلدە قالماس زەرىچە گۇمان
亲爱之人在身旁会使我充满安全感
‎پەسكەش ئىشلارنى كۆرسەڭلا راۋا، ئېچىلماس ھەرۋاقىت تۇتۇلغان زۇۋان
倘若你认为那些糟糕的事情是正确的 你再也不会挺身而出
‎ئەلمىساقتىن ئىللىق بۇ ئۇۋا، يېزىلغان كۆپلەپ داستان ۋە رومان
这片流传着无数故事的故土自古以来都是温暖的
‎‏Verse2
‎قەلەمگە تويۇنۇپ سىياھ، بەرگەندە ئىلھام يەتمەس قۇر ياكى دەپتەر
有灵感的时候装满了墨囊的钢笔也会不够写完本子
‎تۇپراققا تويۇنۇپ گىياھ، پورەكلەپ ۋاراقتا ئۇيغۇرچە مارجاندەك خەتلەر
满地都是花儿 好似满篇都是珍珠般的字迹
‎قەلىمىم زەخمەك چېكىدۇ تارىنى، ئويدۇرماي سۆزلەپ كۆڭۈلدە بارىنى
我把心中所想一字一句表达出来
‎خوشاللىق بىرلە نالە -زارىنى، ۋە ياكى ئاشىقنىڭ سۆيگەن يارىنى
快乐愉悦之情 亦或是爱情的伤悲之处
‎كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن غايىلەر نۇرغۇن، ئەمەلىيىتى يوق چىرايى سۇلغۇن
树立的梦想无数却不付诸实际行动
‎قەلەمنى يار تۇتۇپ قۇملۇقنى كەزگەن كارۋانمەن ھەر ۋاقىت يوللاردا يۇلغۇن
我就是开垦这片荒漠的人
‎تىكىمەن شۇ قەدەر مەززمۇت توغراقنى قاغجىرىغان دىلنىڭ ئىچكىر قېتىغا
要给每一个失去希望的人内心植入胡杨精神
‎ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يۇقۇرغا چىققىن ھېچكىم قارىماس ئاجىزنىڭ يېشىغا
你要不停的努力向上 没有人会理会弱者的眼泪
‎ئارزۇ ئستەك ئۈمىدلەر ھەريان چۆرىدەپ مەنزىلگە يەتمەك بولۇپ ھەم
梦想很难实现
‎مىھنەتسىز ھاياتنى بېزىسەڭمۇ مىڭلاپ كىشىلىك تۇرمۇشتا بولامدۇ تەم
自私自利的生活无法给你带来丝毫美好
‎مەزمۇت قامەتلىك گەۋدىنى مۈكچەيتتى ھاياتنىڭ بېسىمى ئۆتكۈر پىچىقى
生活的压力能够逐渐打垮你
‎تەم بەرگەن سىناققا تىزلانغان قىلتاققا كىشىلەرنىڭ بىراقلا چىقتى مىجىقى
如果低头认输就意味着彻底失败
‎بار-يوقنىڭ ھەممىنى سۆزلىدىم تېكىستتە چۈشىنىش سىلەردىن تىڭشىغۇچى ئەزىز
聆听的你们来理解我写下的这一句句事实
‎مەيلىم يوق باشقىغا ۋىجدانىڭنى تاشلىما يازمىسام داستان قەلەمگە قەرىز
只要能保持自尊写出更好的作品其他的我都无所谓
‎سۈبھىدە ئاي نۇرى چۈشتى دەپتەرگە قويدۇم قەلەمنى تېكىست تامام
清晨的曙光照耀在本子上我放下了笔完成了歌词
‎قەلىبتىكى روھنى خاتىرلەپ ئەسەردە بولىدۇ ھەر ۋاقىت مۇشتاق داۋام
我会继续如此记录下心中所想
翻译:Xayda
专辑信息
1.Chaqirimsiz Yol