歌词
مەيدانلىدا قوغلاشماققا قاتقىن مېنىمۇ
مەھەللىدە مۆكۈشمەكتىن تاپقىن مېنىمۇ
ھەممە ئىشنىڭ ئەڭ بېشىغا قايتقىم كىلىدۇ
بەخىتلىك بىر ئائىلىدە ياتقىم كىلىدۇ
دادام شۇ كۈن ئايرىلغاندا ئۆيدىن
پەقەت دېدى ھاياتىڭنى سۆيگىن
ئاپام دېدى ، ئەمدى تۇرمۇش باشلاندى نۆلدىن
ئاپام ئاجىز ، سىڭلىم كىچىك ، تەس بولدى بۇ تىرىكچىلىك
پەشمەت ساتتىم چىرىمچىلدا شەبنەم ئېزدەپ چۆلدىن
مېنىڭ سەبىيلىكىم 11 ياشتا ئۆلگىن
مەنلا كۆيۈپ ئۆتۈپ كەتمەي تاماكىمۇ كۆيگىن
تالادا ئوغرىلىق قىلىمەن ئېلىپ چىقمايمەن ئۆيدىن
ۋاقىتلار ئۆتتى مەن يىغلىماس بولدۇم
ھەم تاماقتىن كۆكتاتنى ئىلغىماس بولدۇم
ھەم مۇھەببەت نەپرەت يوق دىلىگاس بولدۇم
ھەم مەكتەپتە مازاققا چىدىماس بولدۇم
چېكىندىم مەكتەپتىن كۆپكەن جەمىيەتتە مەندەكلەر
خۇشاللىق دورىسى دەپ قاپاققا باشلىدى تەمتەكلەر
ئۆي بولدى تۇخۇل زاكۇ ، شەنبە بازار ، قۇم دەرۋاز
پۇل تاپقاندا سىرداشلىدا خىل پەرۋاز
گېپى بولسا بىرگە ، بىردە مەن سەرۋاز
ئاغىنەمنىڭ مىجەزىمۇ سەل پەل ماز
ئۈچىنچى ئوتتۇرىغا بارىمىز تابەندە ، زودەندە ، دېفىن بىللە كالتەك
چوكىلىنىڭ ئۈستىدە مۇھەببىتى بار قىزلار بىلەن تېيىلىمىز غالتەك
ئوغرىلايمەن ، ئايرىمايمەن ، كەپتەر ، تۇخۇم ، موتو
كاتتا ئەرباب نەزىرىمدە ئابدۇراخمان گۇتۇ
كۇلىچىلار تۈكۈرىدۇ ئىچكىردە پۇل جىق
دېدىم ئىككى شېرىكىمگە مەن بىلەن تەڭ چىق
چىقتىم مەن تۈن نىسبىدە ئۆيدىن
بەش تال گىردە بىلەن ماڭدىم ۋوگزالغا
شېرىن چۈش دەيتتىم مەن ھەممىنى بۇ پويىز ئاقسۇدىن ئىچكىرىگە قوزغالسا
مەيدانلىدا قوغلاشماققا قاتقىن مېنىمۇ
مەھەللىدە مۆكۈشمەكتىن تاپقىن مېنىمۇ
ھەممە ئىشنىڭ ئەڭ بېشىغا قايتقىم كىلىدۇ
بەخىتلىك بىر ئائىلىدە ياتقىم كىلىدۇ
مەيدانلىدا قوغلاشماققا قاتقىن مېنىمۇ
مەھەللىدە مۆكۈشمەكتىن تاپقىن مېنىمۇ
ھەممە ئىشنىڭ ئەڭ بېشىغا قايتقىم كىلىدۇ
بەخىتلىك بىر ئائىلىدە ياتقىم كىلىدۇ
ئۈرۈمچىدە ئارداۋچاۋدا سەنشىخاڭزىدا
مېنى ھازىرمۇ ھەم تونۇيدىغان نۇرغۇن باللا با
ئاقسۇنىڭ ۋوگزالى قېلىپ قالدى يىراقتا
شۇنداقمۇ ، سەن يامان ياتاقتا توقماقلا
ئۈرۈمچىمۇ كىچىك كەلدى بىزگە
تىك قۇدۇقمۇ تېتىمىدى بىزگە
ليۇ داۋەندە چاڭ چىقىرىپ ، بەك ئوينىغان ئاتا مانلا
سوراپ قالسا كىم دېسە بىز دە
ھە دېگەنگە ھە بىز ، بىرگە بىر
ھە دەپ باقە ، قىزىل تاغدا بىردە بىر
نېمە ئۇ سەن يېم
بىز ئوينىغان ئويۇنچۇقنىڭ ئاۋازىمۇ
سەن چوڭ بىلگەن ئاكىلىرىڭ *****غا تەڭ
شەھەر سورىغان چوڭلىرىنى تونۇمايمەن
بىرلا تېلېفون قىلىۋەتسە بازارچىلا تەل
بولدى قىل دېگەنگە ئۇنىمايمەن
گۇئاڭجۇدا ، شېڭجىندا ، شاڭخەيدە ، ۋۇخەندە
سوراپ باققىن ئويناپ باققان ئوغۇل بالىلاردىن
چېكىدىغان ، ئىچىدىغان ، ئۇرىدىغان ، چاقىدىغان
مەن ئوينىغان جەمىيەتنى ئويناپ باقمىدىڭ
كامىرنى قۇچاقلاپ ، ئاقسۇنى سېغىنىپ ، توپتوغرا سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى
تۆمۈر قەپەس ئوينىۋەتتى ئاخىرىدا
جېنىم ئانام كۆزۈمدىن يۈتۈپ كەتتى
专辑信息
1.yanquk