歌词
گۈلۈم
ئابلەت ئابلىكىم
سەبدە گۈلۈم مىزان گۈلۈم
كۆكلەم باھارى ھۆسنىڭدىدۇر
ئەتتىرگۈلۈم قىزىلگۈلۈم
سۆيگۈ مۇھەببەت ئىسمىڭدىدۇر
پەرۋانىمەن ھەركۈن ساڭا
ھۆسنىڭگە ھەرچاغ مەپتۇن دىلىم
كېچەيۇ-كۈندۈز ئېيتاي ناۋا
يىگانە سەن سەن بىر تال گۈلۈم
كەلگىن يېنىمغا جانان بولۇپ
جانان بولۇپ جانان بولۇپ
ئاشىق كۆڭۈلگە چولپان بولۇپ
چولپان بولۇپ چولپان بولۇپ
ھۆسنىڭگە مەپتۇن بولدۇم ھەجەپ
ئۆچمەي كۈيەرمەن گۈلخان بولۇپ
ھۆسنىڭگە مەپتۇن بولدۇم ھەجەپ
ئۆچمەي كۈيەرمەن گۈلخان بولۇپ
پەرۋانىمەن ھەركۈن ساڭا
ھۆسنىڭگە ھەرچاغ مەپتۇن دىلىم
كېچەيۇ-كۈندۈز ئېيتاي ناۋا
يىگانە سەن سەن بىر تال گۈلۈم
♬♬♬♬♬
قەلبىمدە سۆيگۈ دەريالىرى
قىلما دىلىمنى ۋەيران گۈلۈم
گۈللەر ئارا بىردانە گۈلسەن
گۈللەرمۇ ساڭا ھەيران گۈلۈم
قەلبىمدە سۆيگۈ دەريالىرى
قىلما دىلىمنى ۋەيران گۈلۈم
گۈللەر ئارا بىردانە گۈلسەن
گۈللەرمۇ ساڭا ھەيران گۈلۈم
سەبدە گۈلۈم مىزان گۈلۈم
كۆكلەم باھارى ھۆسنىڭدىدۇر
ئەتتىرگۈلۈم قىزىلگۈلۈم
سۆيگۈ مۇھەببەت ئىسمىڭدىدۇر
♬♬♬♬♬
گۈلسەن نۇرانە ئايدىن گۈزەل
كۈلۈشلىرىڭ شېرىن غەزەل
گۈلسەن نۇرانە ئايدىن گۈزەل
كۈلۈشلىرىڭ شېرىن غەزەل
بۇلبۇل سۈپەتتە كۈيلەپ سېنى
بىدار  ئۆزۈم ئەزەل ئەزەل
بىدار  ئۆزۈم ئەزەل ئەزەل
بۇلبۇل سۈپەتتە كۈيلەپ سېنى
بىدار  ئۆزۈم ئەزەل ئەزەل
بىدار  ئۆزۈم ئەزەل ئەزەل
مىھرىمگە ئوت سالغان گۈلەك
داۋاسى يوقتۇر سەندىن بىلەك
يۈرەككە ئوت سالغان گۈلەك
داۋاسى يوقتۇر سەندىن بىلەك
سەبدە گۈلۈم مىزان گۈلۈم
كۆكلەم باھارى ھۆسنىڭدىدۇر
ئەتتىرگۈلۈم قىزىلگۈلۈم
سۆيگۈ مۇھەببەت ئىسمىڭدىدۇر
پەرۋانىمەن ھەركۈن ساڭا
ھۆسنىڭگە ھەرچاغ مەپتۇن دىلىم
كېچەيۇ-كۈندۈز ئېيتاي ناۋا
يىگانىسەن بىرتال گۈلۈم
كېچەيۇ-كۈندۈز ئېيتاي ناۋا
يىگانە سەن سەن بىر تال گۈلۈم
يىگانە سەن سەن بىر تال گۈلۈم
专辑信息
1.Gulum/ 花儿