歌词
تېكست كىرگۈزگۈچى
ئابدۇسالام (باشقۇت)
سېنى ئۇنتۇشقا تىرىشقان بولساممۇ
ئەمما يەنىلا مەن سېنى ئۇنتالمىدىم
ئاشۇ كېچە يۈز بەرگەن ئىشلار يادىمدا
لېكىن ئاخىرقى رەت مەن قولۇڭنى تۇتالمىدىم
ئاخىرلاشتى سۆيگىمىز
بىر-بىرىمىزنى تاشلاشتۇق
ئۆتتى ۋاقىت ئاستا-ئاستا
بىر-بىرىمىزدىن ياتلاشتۇق
پارىڭىمىز تۈگىمەيتى
ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇچە
غايىب بولدۇڭ گۈلۈم
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە
ئەسلەيمەن شۇ ۋاقىتلارنى
بىرگە باسقان ئىزلارنى
گۈزەل ئەسلىمىگە تولغان
مەكتەپتىكى ئىشلارنى
كەلمەسكە كەتتى شۇ ۋاقىتلار
كاللامدىن ئۆتتى نۇرغۇن ئىش
مەن ياخشى ياشاۋاتىمەن
سەن يوق ئۆتتى يەنە بىر قىش
بىلسەڭ سېنى تەڭ قىلمايتىم ھېچكىمگە
شۇڭا سىر ساقلىمىغان ئىچىمدە
شۇنى سوراي ئۇنىڭ بىلەن يۈرگىنىڭدە
يۈز كەلگەنمۇ ساڭا بولغان چىن سۆيگۈمگە
ئەمدى ھەمراھ ئەمەسمەن ئۆزۈڭنى ئاسرا
ئارىمىزدا يوق ئەمدى قۇرۇق جېدەل ماجرا
تۇرمۇشۇڭ رەڭدار بەلكىم ھەممە ئىش جايىدا
تۈنلەردە ئويلاپ قوياتتىڭ ئۆتمۈشنى گاھىدا
سېنى ئەمدى راسلا قايتا سۆيەلمەيمەن
يۈرەكتىكى جاراھەتنى مەڭگۈگە ئۆچۈرەلمەيمەن
ئۇچراتساممۇ سېنى بۇرۇنقىدەك خوشال كۈلەلمەيمەن
كەچۈر سېنىڭ كۈتكىنىڭنى مەن ئەمدى بېرەلمەيمەن
تېخى باياتىنلا تۇرمۇشۇمغا كىرىپ كەلگەنتىڭ
مانا ھازىر ئالدىراشلا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىڭ
رەھمەت ساڭا ئەستىن چىقماس بىر سائەتلىك دەرىس بەردىڭ
مۇھەببەتنىڭ ئاچچىق-تاتىلىقىنى تولۇق تېتىپ يەتتىم
كەچۈر
بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم
كەچۈر
يالغۇز قالغىنىڭدا يېنىڭدا بولالمىدىم
كەچۈر
سېنى چىڭ قۇچاقلاپ باغرىمغا باسالمىدىم
كەچۈر
ئوھو ھو ھو ھوي
专辑信息
1.kechur