歌词
Guman We Arman
Lycan-Firzat/Trouble-Taran/BiBiSaRa
后期制作:Trouble-Taran
Hook
بىرى گۇماندىن بەخىتسىز بولسا
بىرى ئارماندا زارلىنىپ ئۆتەر .
ياندا بارى قەدىرسىز بولسا ،
يەنە بىرى ئۈمىدلىك كۈتەر .
Verse
سورايسەن مەندىن دائىملا كۆڭلۈڭدە كىم بار ؟
كۆڭلۈم سەندىن باشقىسى سىغماس ئارتۇقچە گۇمان قىلما .
دائىملا مەندىن رەنجىسە ماڭا كېرەكلىك مۇھەببەتنى بېرەلمىدىڭ،
قانچىلىك تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا كۆڭلۈڭگە ئىشەنچ تېرەلمىدىم .
كىرەلمىدىم كۆڭۈل خانەڭگە مەن ئورۇن ئېلىپ تۆرىدىن
ئەقىدەمنى كۆمدۈم بىرنى كولاپ مۇھەببەت قەبرىستانىغا گۆرىدىن .
بەزىدە ئانچە مۇنچە قېيدىشىپ قالىمىز بۇ ئايرىلىشتىن دېرەكما،
ھەربىر جۈملەمنى يالغان دەيسەن ساڭا قەسەم ئىچىشىم كېرەكما،
ئارتۇقچە گۇمان كۈندەشلىكتىن بەزىدە بىزار قىلىپ قويىسەن .
ياخشى كۆرگەچكە كۈنلەيمەن دەپ سالاھىيىتىڭنى سەمىمگە سېلىپ قويىسەن .
كۈندەشلىك بولمىغان مۇھەببەت ھەرگىزمۇ مۇكەممەل ئەمەس .
لېكىن زىيادە گۇمانىڭ كۆڭلۈمگە سالغان ئازارلىرىڭ يېتەر بولدى بەس .
ئىشەنچىڭنى گۇمانىڭ ئىگىلەپ كەتسە ھەر كىم يولغا ماڭغان تىش .
تاشقا تاياقنى تاڭغىلى بولماس مانا بۇ مۇشۇنداق ئاسانلا ئىش .
بەلكىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەندىن زېرىكىپ قالغانسەن،
بەلكىم ئىشەنچنى قولغا كەلتۈرگەن بىراۋنى كۆڭلىڭگە سالغانسەن .
Hook
بىرى گۇماندىن بەخىتسىز بولسا
بىرى ئارماندا زارلىنىپ ئۆتەر .
ياندا بارى قەدىرسىز بولسا ،
يەنە بىرى ئۈمىدلىك كۈتەر .
专辑信息
1.Guman We Arman