歌词
بۇدۇنيا سەتەڭ ياقمىدى ئەسلا قالـمىغاچ چېھرىدە دەسلەپكى نازى
چوڭ بىر مەشرەپ سەينادا داۋام راۋابچى چولتا زەخمەككە سازى
زادى كىم رازى‏
قولىغا پاتماي ئوچۇملاپ ئالسىمۇ نۇرغۇن
نەپسىگە جۆردۇر سازى
شۇندىن شۈكۈر دەپ ئېچىلغان گۈللەر سولغۇن
ماھىيەتتە ئىنسان مەككار(قۇۋ)‏
نەيرەڭگە رەپتار(ھالەت)‏
قۇۋ بىلەن ھەمكار
قىلـماستىن ئەپكار(پىكىر)‏
زەررىچە ئىنكار‏
نەفسى ناچارغا سەۋدا، ناچارغا سەركار(ئىشنى باشقۇرغۇچى)‏
ناچارلىق يوسۇنغا ئاشنا، يامان سۇيىقەستلەر بىلىندى ئىرىس
غاڭزىدا ئۆز نەپسىگە چوغ تاتقانلار توزىغان كۈلدەك كۈلدانغا ھېرىس
پەگاھتا پۇت سۇنغان نادان سۇپىدا تۇرۇقلۇق دېسە بۇ تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاڭقىش دەپ
غاپىل كۆرۈرمەن ئولتۇردى بوسۇقتا ياڭرىتاي ئالقىش دەپ
دۆڭنىڭ ئارقىدا نىجاسەت ئۈستىدە مەشغۇل دېدى بۇ داۋاندىن ھالقىش دەپ
بوينى باغلاق قوزۇقتىن ئارقاننى تارتتى بۇ ئارغامچا تارتىش دەپ
توۋا قىلدىم ياقىنى چىشلەپ ئەمما تۆۋىلەر نەرخسىز
ھامىنى تۇغۇلۇپ كۆرۈپ كېتىمىز دۇنيا 4 كۈنلۈك قونالغۇ
توۋا قىلدىم ياقىنى چىشلەپ نەرخ پوق دۆۋىلەر پەرقسىز
ھامىنى ئۇۋۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىمىز قەدىرلىك، قەدىرسىز بولۇپ ۋاپات
كىم بار دولقۇن كەبى تاشمىغان
كىم بار كىبىر ۋەجدىن ھەددىدىن كۆرەڭلەپ ئاشمىغان
دولقۇندەك تېشىپ كۆردۈڭمۇ ھە
كۆرەڭلەپ پەلەككە ئۈندۈڭمۇ ھە
دولقۇندەك تاشماي، ھەددىڭدىن ئاشماي ياشاپ ئىنسان ئۆلدۈڭمۇ ھە
كىم بار دولقۇن كەبى تاشمىغان
كىم بار كىبىر ۋەجدىن ھەددىدىن كۆرەڭلەپ ئاشمىغان
دولقۇندەك تېشىپ كۆردۈڭمۇ ھە
كۆرەڭلەپ پەلەككە ئۈندۈڭمۇ ھە
دولقۇندەك تاشماي، ھەددىڭدىن ئاشماي ياشاپ ئىنسان ئۆلدۈڭمۇ ھە
ياشىغان نوچىلار كۆپ
ئۇلار قالدۇرغىنى شۇ ھايات بىر داستان
ياشىغان پوچىلار كۆپ
سەندەك كورىدىن چىقالـماي ئاستىدا قاسقان
ياشىغان ئولجىلار كۆپ
ئۆزىدىن ئاجىزنى خورلاپ توپىغا باسقان
ياشىغان ئوۋچىلار كۆپ
ئولجىنى تۇياقتىن كۆتۈرۈپ كاناراغا ئاسقان
تىنىقتىن يوغاندى خورەك
بوغۇز كىبىرگە تەشۋىق قىلىدۇ تەرغىب
پادىشاھنىڭمۇ گۆرى ئورەك
بىر سىقىم ھاياتمۇ تۈگەيدۇ سىرغىپ
ھايات شۇ قەدەركى تۈزلەڭ سېنى يۇشۇرۇپ قالالـماس ھەرقايسى بۇرجەك
ئۇش بۇ ئالتۇن تېنىڭنىمۇ يەرگە پالايدۇ ياغاچ سېپى تۆمۈر باش گۈرجەك
سۇنمىسۇن ئاتاڭ ئاناڭ چۈشكەن ھارۋىنىڭ چاقى
چىرايلىق كۈتىۋال ئېي زىبا ۋە باقىي
دەلدەڭ پۇتلار ئاغرىقمۇ...ھە؟ قاچاندىن ياقى
داۋاسى پەردىشەپتۇر تاكى
سەۋەب جۆرىسى ئۈلپىتى باقىي
جۆرە زىبا باقىيغا ساقىي
كۈننىڭ قەدرىگە يەتمەسكى كۈنسىز تۇغۇلغان سۈنئىي قارىقۇمچاق
بۇلبۇلغا سەۋدا، بۈركۈتتىن نېرى تۇرغىنى ئەمەستۇر قورقۇنچاق‏
گۆشكە سەۋدا، ھامان ياغسىز توپىغا مۇپتىلا يۇتقۇنچاق
قىسمىتىڭ يىقىلىش بولسا سېنى قۇتقۇزالـماس ئاناڭ ئاسقان كۆزمۇنچاق
كىم بار دولقۇن كەبى تاشمىغان
كىم بار كىبىر ۋەجدىن ھەددىدىن كۆرەڭلەپ ئاشمىغان
دولقۇندەك تېشىپ كۆردۈڭمۇ ھە
كۆرەڭلەپ پەلەككە ئۈندۈڭمۇ ھە
دولقۇندەك تاشماي، ھەددىڭدىن ئاشماي ياشاپ ئىنسان ئۆلدۈڭمۇ ھە
كىم بار دولقۇن كەبى تاشمىغان
كىم بار كىبىر ۋەجدىن ھەددىدىن كۆرەڭلەپ ئاشمىغان
دولقۇندەك تېشىپ كۆردۈڭمۇ ھە
كۆرەڭلەپ پەلەككە ئۈندۈڭمۇ ھە
دولقۇندەك تاشماي، ھەددىڭدىن ئاشماي ياشاپ ئىنسان ئۆلدۈڭمۇ ھە
专辑信息
1.Izah