歌词
تېكست كىرگۈزگۈچى
ئابدۇسالام (باشقۇت)
كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق
بەلكىم راستتىنلا يىراقتۇر
ياقا يۇرتتا يەنىلا سەن ئۈچۈن تىلەيدىغىنىم
ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇر
ئۈمىدكە ئىشەنچنى باغلاپ يۈرۈشىمىز
كەلگۈسىمىزگە چىراقتۇر
شۇنچە مۇشەققەتلەرنى تارتىشىمىز بەلكىم
تەقدىرىمىزگە سىناقتۇر
چىداپتۇر
باشقا بىر جۈپلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ
پۇراپتۇر
مېنى سېغىنساڭ سۈرىتىمنى قولۇڭغا ئېلىپ
بۇ ھىجراننى ئوبدان بىلىمەن
چۈنكى مەنمۇ تەڭ تارتىۋاتىمەن
سەن بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ
ئەتىنى بۈگۈنگە تارتىۋاتىمەن
ساڭا ئىشىنىمەن
سېنىلا سۆيىمەن ئىشەنچىمنى ياندۇرما
دوستلىرىڭنىڭ ئالدىدا ھەرگىز
يالغۇزلۇقۇڭنى چاندۇرما
بىلىمەن بۇ ناھايىتى قېيىن
ئەمما سېنى بەختلىك قىلىمەن كېيىن
يار-يۆلەكسىز مەنسىز شەھەردە
قاراڭغۇلارغا كىرىپ كەتمىگىن
تىلەيدىغىنىم سەن بىلەن جەم بولۇش
كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدا تەم بولۇش
بەختىمىز ھەممىگە تەل بولۇش
ئارمىنىمىز باشقىلاردىن كەم بولۇش
شۇ ئارمانلارغىمۇ يېتەرمىز
مۇھەببەتتىكى يېتىملار
قولۇمنى چىڭ قويۇۋەتمىگىن بىز
يىراقتىكى يېقىنلار
يۈرىكىمدە بىر ۋولقان
سۆيگۈم ئىشەنچكە تولغان
ئاشىقسىز مەشۇق بولغان
يىراقتىكى يېقىنلار
يۈرىكىمدە بىر ۋولقان
سۆيگۈم ئىشەنچكە تولغان
ئاشىقسىز مەشۇق بولغان
يىراقتىكى يېقىنلار
يىراقتىكى يېقىن شەھەر
ناتونۇش بۇ يەردىكى سەھەر
زەھەر بىلىنىدۇ قۇياش ھارارىتى
ئېلىپ كەلمىدى باھار
سېغىندىم ئاۋازىڭنى
مۇھەببىتىمگە ئاي گۇۋاھ
لېكىن يىراقتىكى سىمايەڭ
ماڭا شۇنچىلىك غۇۋا
قار باستى كېچىلەردە
ئىللىق قوللىرىڭ ئىزدىدىم
رەسىمىڭنى باغرىمغا باستىم
كېچە ئۆتكىن تېز دېدىم
سۆزلىدىم بۇ ۋاقىتلىق
ئۆزۈمنى بەردىم تەسەللىي
لېكىن يىراقتىكى يېقىنلارنىڭ
ئايرىلىشتىكى سەۋەبى
مەن يېنىڭدا
سەن يىراقتىكى چولپان يۇلتۇز
ئۇ شەھەردە قالدى ئەسلىمە
يات شەھەردە قالدىم يالغۇز
ۋاقىت رەھىمسىز ئارىلىق
ھېسسىياتىمىزنى سۇسلاشتۇردى
سەن كۆنگەن يېڭى مۇھىت
ئىككىمىز ئالماشتۇردى
كېچە تويۇلدى زۇلمەت
نىشانسىز كوچىدا تەمتىرىدىم
شەھىرىڭدىكى تولۇن ئايدىن
بىھۇدە ئەنسىرىدىم
ئەنسىرەش ۋە تەمتىرەشتە
يازغان بۇ ناخشام
كىرپىك قاقماي سېغىنىشتا
ئۆتتى يەنە بىر ئاخشام
يۈرىكىمدە بىر ۋولقان
سۆيگۈم ئىشەنچكە تولغان
ئاشىقسىز مەشۇق بولغان
يىراقتىكى يېقىنلار
يۈرىكىمدە بىر ۋولقان
سۆيگۈم ئىشەنچكە تولغان
ئاشىقسىز مەشۇق بولغان
يىراقتىكى يېقىنلار
专辑信息
1.Yiraqtiki Yiqinlar