歌词
خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم
بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن
جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈششش
ئانام ئۇقمىسۇن، ئانام ئۇقمىسۇن
ئۆتۈنەي ئىسمەمنى ئاتىماڭلار!ئانام ئۇقمىسۇن
ئانام تېنىچلىقتا يەنە بىر ئاز قېنىپراق ئۇخلىسۇن
شۇم خەۋەر ئەمەس، پەقەتلا غۇبارسىز بالىلىقىم ئانامنىڭ چۈشىنى يوقلىسۇن
بىرۋاق بولسىمۇ ئانام غەم يىمەستىن غىزادا قورساقنى توقلىسۇن
مەن بەڭباش چالغاندا ھاياتىمغا دۈدۈك،(پۈشتەك)‏
ئانام پايپېتەك ئارقىمدا ھالى مۈدۈك،(كىچىك)‏
ئېھ، بېچارە ئانامنىڭ مەڭزى ياشقا كۆنۈك
كۆز نۇرى سىرغىپ ئېقىپ كېتىپ ئەمدى كۆزى خۇنۈك.(نۇرسىز)‏
ئانام ئۇخمىسۇن
گۆدەكلىكتە ئېغىناپ توپىدا ياتقاننى
ياشلىق- شاشلىقتا تاياق يەپ ياتقاننى
قىرانلىقتا مەندەك بىر زابوينىڭ كوچا گىرۋىكىدە قۇسۇق ئارىسىدا ياتقاننى
دەتتىكام دەپ مەيدەمگە ئۇرۇپلا ئاتقاننى
غەپلەتتە پاتقاققا پاتقاننى
كىشىدىن ئېلىپ ھەم ساتقاننى
ئاز-كۆپ رىيازەت تارتقاننى
ھارام ئىشقا ھەسسەمنى قاتقاننى
مۇشەققەتتە ئۇھ تارتقاننى
جەبىرنىڭ تاغىرىنى جاپادا غولۇمغا ئارتقاننى
بىلىپ قالسا ئانام
بىچارە بالام
دەپ بولۇر بىئارام
ئاقسا يېشى تارام
ھالال دىماقتا نەپەسلىرىم ھارام
بولۇپ ھەتتاكى ئېغىرلاپ كېتەر مېنىڭ يۈرەك، دىل يارام
تىلىگىم ئانام بىر شېرىنلىق خۇرسىنىپ بالام ئامان دەپ كۆرسۈن چۈش
گەر ياتساممۇ مەن سوغۇق زەي *** رازى، ئانام ئۇخمىسۇن ۈششششش
خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم
بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن
جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈششش
كۆپ گۇنايىم
خىجالەتتىن خىجالەت كۆپ گۇنايىم
ۋاي يارىم گۈلئايىم
دەپ ئانام ئۇزغا بولالـمىدىم مۇلايىم
ئانام ئۇقمىسۇن مەندەك بىر يارىماس ئوغلى بولۇپ قالدى سايىم
بارا-بارا شۇنداق كۈنسايىن
چۈچۈك تىلىمدا ئانام ئەڭ گۈزەل دېگەن ئەھدەمنى بۇزۇپتىمەن ئانام ئۇقمىسۇن مەن بىر خائىن
بىر غۇلاش ھاياتىم ئۈستىدە، ئانامنى رازى قىلغىنىم بىر غېرىش
ئانام ئۇقمىسۇن ئۆزۈمدىن ئاغرىنىپ تىكەن سىقىمداپ قانىسا پەنجىم.(بارماق)
دوزاقتەك ھاياتىم ئۈستىدە پەقەتلا ئانامدۇر گۈزەل بىر بېھىش
ئانام ئۇقمىسۇن بىر رەت بولسىمۇ ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولسۇن بۇ رەنجىم.(دەرد-ئەلەم)‏
ئانام ھۆسنىدىن پەقەتلا بىر ئاز، بولسىمۇ يوقۇسۇن كۆڭلۈمدە تەشۋىش
ئانام ئۇقمىسۇن ئەي كۆزۈم ئۆتۈنەي ياش بىلەن دەردىمنى قىلـمىغىن تەرجىم
خۇشاللىقىم ئانامدا قالسۇن، مەن بىلەن يوقۇسۇن ماڭا تەۋە كەچمىش
ئانام ئۇقمىسۇن گەر كەتسەممۇ،ئانامنى رازى قىلسۇن ئارقىمدىن كەنجىم،(ئۆينىڭ كىچىكى)‏
تىلىمغا تاش، گەر ئانام ماغدۇردىن قالسا ئانامنىڭ ئوڭ-سول يېقى مەن بولاي
گەر ئانام تۈگىسە، ئانام ياتقان «مازار غوجام»نىڭ ھەتتاكى شەيىقى مەن بولاي
(ئەزگۈ بايانلار ئۈستىدە ماغدۇرۇم كۆپ، ئانامنى كۈلدۈرۈشكە يوقتۇر كۈش(كۈچ
ئىمكانىم ئۈستىدە قولۇمدىن كېلىشى پەقەتلا ئانام ئۇقمىسۇن ۈششششششش
خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم
بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن
جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈششش
专辑信息
1.ÜSH