歌词
MIDi:Muratjan Muxter
يەتمىدىم
گۈلگىنە موللائەمەت
سۆزى: غېنى سەمەت
مۇزىكىسى: ئەلى ئاقسوپا
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: مۇراتجان مۇختەر
ھەسرەتلەر ياغىدۇ كۆڭۈل تارىمدىن
دەريالار كۆيىدۇ ئاھ پىغانىمدىن
سەن كەتسەڭ مەن كەتتىم ئەس-يادىمدىن
ۋىسال دەپ يېغلىدىم لىكىن يەتمىدىم
سەن كەتسەڭ مەن كەتتىم يۈرەك-باغرىمدىن
ۋىسال دەپ يېغلىدىم لىكىن يەتمىدىم
…… مۇزىــــكا ……
ئۈزۈلمەي توزىغان ناتىۋان گۈللەر
سەرگەردان شامالغا دەردىمنى سۆزلەر
ھېجراندىن قۇرىدى شۇ ئاشىق چۆللەر
ۋىسال دەپ زارلىدىم لىكىن يەتمىدىم
ھېجراندىن قۇرىدى شۇ ئاشىق چۆللەر
ۋىسال دەپ زارلىدىم لىكىن يەتمىدىم
…… مۇزىــــكا ……
بىر قىزنى كۆيدۈرۈش ئاسانمۇ شۇنچە
پىراقتا قالدۇرۇش ئاسانمۇ شۇنچە
ۋىسالغا يەتكۈزۈش يامانمۇ شۇنچە
ۋىسال دەپ كۈيلىدىم لىكىن يەتمىدىم
ۋىسالغا يەتكۈزۈش يامانمۇ شۇنچە
ۋىسال دەپ كۈيلىدىم لىكىن يەتمىدىم
سەن ئالدىڭ بەرمىدىڭ سۆيگۈ نۇرىنى
ئايدىڭمۇ قاراڭغۇ ماڭا ھەر كۈنى
پىراقىڭ تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم
پىراقىڭ تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم
پىراقىڭ تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم
(ناخشا تېكىستى تەھرىرى : ئالىمجان)
专辑信息