歌词
ئايپاتەم
بۈگۈن ئاخشام ئۆگزەڭگە تاش ئاتايمۇ ئايپاتەم
سۇغا چىقساڭ يىراقىتىن قاش ئاتايمۇ ئايپاتەم
تاشنى ئاتسام ئۆگزەڭگە داداڭ قوغلاپ كىتەرمۇ
تاش ئاتقاننى خەق كۆرسە ساڭا ئازار يىتەرمۇ
ھەممە كىشىنى كۆيدەگەن پۇلى با ئايپاتەم
ۋاي دەپ قويسا قارىمايدۇ خۇيى با ئايپاتەم
ساڭا ئېيتار سۈزۈم با يۈرۈگۈمدە بىر تالاي
سەن زەردارنىڭ دەردىدە مەن ئاشىق تەنھا گاداي
سەن زەردارنىڭ دەردىدە مەن ئاشىق گاداي
ھەممە كىشىنى كۆيدەگەن پۇلى با ئايپاتەم
ۋاي دەپ قويسا قارىمايدۇ خۇيى با ئايپاتەم
كۆرگۈم كىلىپ تۇرىدۇ تۇلۇن ئايدەك يۈزۈڭنى
يا چىقىمىدىڭ ئايپاتەم ئۈزەڭ سوراپ ئۈزۈڭنى
كۆل بۇيىغا چىقمايسەن چىلەك يوقمۇ ئۈيۈڭدە
مەن سېغىنسام كارىڭ يوق يۈرەك يوقمۇ سىنىڭدە
مەن سېغىنسام كارىڭ يوق يۈرەك يوقمۇ سىنىڭدە
ھەممە كىشىنى كۆيدەگەن پۇلى با ئايپاتەم
ۋاي دەپ قويسا قارىمايدۇ خۇيى با ئايپاتەم
خۇيى با ئايپاتەم
ھەممە كىشىنى كۆيدەگەن پۇلى با ئايپاتەم
ۋاي دەپ قويسا قارىمايدۇ خۇيى با ئايپاتەم
خۇيى با ئايپاتەم
专辑信息
1.aYpatam