歌词
يوشۇرۇن كۆيۈك
مەۋلان مەمتىمىن
مۇزىكىسى : مەۋلان مەمتىمىن
ئاكورتلاشتۇرغۇچى : مەۋلان مەمتىمىن
كەتتىم بۈگۈنمۇ غەمكىن
بولۇپ قالدىم دەرتتىن كۆڭلۈم يېرىم
كەتتىڭ ئېلىپ كەتتىڭ خوشاللىقىمنى
ئۆچتى كۈلكىلىرىم
قاراپ كەينىڭدىن جىسمىڭ
يۈتكىچە ئەگىشەر كۆزلىرىم
ئەجەپ بىر كۈنلەر كەلدى
بېشىمغا دەرتلىك تېنىقلىرىم
قانداق ئۇچقۇن كۆزلىرىڭدىكى
پارە-پارە قىلدى يۈرەكنى
بىلەلمىدىم خالىماس نىچۈن
مىسكىن كۆڭلۈم سەندىن بۆلەكنى
…… مۇزىــــكا ……
ئارامىم بۇزۇپ كىلىسەن
يەنە بىپەرۋا يۈرىسەن
سېنى كۆرگۈم يوق لىكىن
ئىزدەيدۇ كۆزۈم سەۋدا يېقىلىسەن
كەتسەم يالغۇزلۇق قاپلاپ جاھاننى
غېرىپ بولۇپ يۈرىمەن
كەلسەڭ ئوت بولۇپ كىلىسەن
ئاھ كۆزلىرىڭدە كۆيىمەن
ئاچچىق ئازاپ قېينايدۇ جاننى
سالدىڭ نىچۈن دەرتنى پىغاننى
كۆزلىرىڭنىڭ دەشتى-چۆلىدە
مەن يۈرىمەن يۈدۈپ ھېجراننى
…… مۇزىــــكا ……
ئاچچىق ئازاپ قېينايدۇ جاننى
سالدىڭ نىچۈن دەرتنى پىغاننى
كۆزلىرىڭنىڭ دەشتى-چۆلىدە
مەن يۈرىمەن يۈدۈپ ھېجراننى
مەن يۈرىمەن يۈدۈپ ھېجراننى
(تېكىست تەھرىرى : ئالىمجان)
专辑信息
1.Sensiz(cover)
2.Boytaq gaday(cover)
3.Yushurun kuyuk
4.Oynang derdi bar balla(cover)
5.Dilreba hayat(cover)
6.Tallash
7.Men sini korgende
8.Judaliq
9.Gulseydixan
10.Ozung kim(cover)
11.Heyyar(cover)