歌词
يار ئەمەسكەن
غۇلامئەلى غوپۇر
مۇزىكىسى: غۇلامئەلى غوپۇر
ئالداپ كەپتۇ مېنى نەچچە يىل
سۆيۈپ لەۋدە يۈرەكتىن سۆيمەي
مەن ئىشقىدا بولسام پەرۋانە
مىنىڭ ئۈچۈن زەر كەبى كۆيمەي
مەن ئىشقىدا بولسام پەرۋانە
مىنىڭ ئۈچۈن زەر كەبى كۆيمەي
يار ئەمەسكەن دۈشمەنكەن گۈلۈم
يار ئەمەسكەن ئەلەمكەن گۈلۈم
يار ئەمەسكەن دۈشمەنكەن سۆيگۈڭ
شۇندىن بىرى يىغلايدۇ دىلىم
چۈشەنمىگەچكە ساختا سۆيگۈگە
خەنجەر سالدى بىۋاپا گۈلۈم
چۈشەنمىگەچكە ساختا سۆيگۈگە
خەنجەر سالدى بىۋاپا گۈلۈم
…مۇزىكا…
نەدە قالدى قىلغان ۋەدىسى
يالغان ئىكەن بىلسەم سۆيگۈسى
يۈرىكىدە باركەن باشقىسى
بۇندا قانداق بەختىڭ كۈلگۈسى
يۈرىكىدە باركەن باشقىسى
بۇندا قانداق بەختىڭ كۈلگۈسى
يارنى يار دەپ يۈرىمەن قانداق
يۈرەكىمدە قالسا مىڭ قاداق
يارنى يار دەپ يۈرىمەن قانداق
يۈرەكىمدە قالسا مىڭ قاداق
مەن گۈلۈمنى رەيھانىم دىسەم
كۆرگەن كۆزۈم شۇ ئىكەن يانتاق
مەن گۈلۈمنى رەيھانىم دىسەم
كۆرگەن كۆزۈم شۇ ئىكەن يانتاق
يار ئەمەسكەن دۈشمەنكەن گۈلۈم
يار ئەمەسكەن ئەلەمكەن گۈلۈم
يار ئەمەسكەن دار ئىكەن سۆيگۈڭ
يار ئەمەسكەن ئالدامچى گۈلۈم
چۈشەنمىگەچكە ساختا سۆيگۈگە
خەنجەر سالدى بىۋاپا گۈلۈم
چۈشەنمىگەچكە ساختا سۆيگۈگە
خەنجەر سالدى بىۋاپا گۈلۈم
خەنجەر سالدى بىۋاپا گۈلۈم
(ناخشا تېكىستى تەھرىرى: ئالىمجان)
专辑信息
1.YAR AMASKAN
2.Aldap Yurmigin
3.Seghinarsiz