歌词
مەن ئۆزۈمنى ئۇنۇتتۇم سېنى ئۇنتالماي
ئىزلىرىڭنى ئىزدىدىم كوچاڭدىن كېتەلمەي
بىر دىۋانە ئاشىق مەن سەرسان يۈردۈم چۆللەردە
ئارمانلارغا يولۇقتۇم ئارزۇغا يېتەلمەي
سېغىنىپ سېغىنىپ ياشايمەن سەنسىز
قاناتسىز بىر قۇشقا ئوخشايمەن سەنسىز
سېغىنىپ سېغىنىپ ياشايمەن سەنسىز
قاناتسىز بىر قۇشقا ئوخشايمەن سەنسىز
سەنمۇ مېنى سېغىنىپ يىغلىدىڭمۇ كېچىلەر
يۇلتۇزلاردىن يولۇمنى سورىدىڭمۇ كېچىلەر
مەن ساڭا سەن ماڭا زار ئىككى يۈرەك قان بولدى
قان يۈرەكلەر يېقىندۇر بىز يىراق بىزشۇنچىلىك
سېغىنىپ سېغىنىپ ياشايمەن سەنسىز
قاناتسىز بىر قۇشقا ئوخشايمەن سەنسىز
سېغىنىپ سېغىنىپ ياشايمەن سەنسىز
قاناتسىز بىر قۇشقا ئوخشايمەن سەنسىز
مەن تىلەيمەن بەخىتلىك بول سەن يىغلىما سۆيگۈنۈم
مۇھەببىتىم بېغىدا ئېچىلماي سۇلغان گۈلۈم
پەقەت سېنى ياد ئەيلەپ ياشايمەن بۇ دۇنيادا
ئارمانلار ئازابىدا كۆيۈپ ئۆتەربۇ دىلىم
سېغىنىپ سېغىنىپ ياشايمەن سەنسىز
قاناتسىز بىر قۇشقا ئوخشايمەن سەنسىز
سېغىنىپ سېغىنىپ ياشايمەن سەنسىز
قاناتسىز بىر قۇشقا ئوخشايمەن سەنسىز
忘不掉你的我却忘了自己
专辑信息
1.Seghinip-《想念》2019