歌词
«يار قوشىقى»
شافائەت ئوسمان
(چىممىدە يارىم چىممىدە)
(چىممىدە يارىم چىممىدە)
﹎﹎﹎﹎
قار ياغمىغان زىمىستان، ھەي
ئۆتۈپ كەتتى جىممىدە، ھەي
يالغۇزلىقىمنى ئويلىساڭ
يۈرەگىڭ قىلامدۇ چىممىدە
چىممىدە يارىم چىممىدە
چىممىدە يارىم چىممىدە
يۈرەگىڭ قىلامدۇ چىممىدە، ھەي
يول بويى تىرەكلەردە، ھەي
بىرمۇ قاغا كۆرۈنمەس، ھەي
ئۆز يارىنى ئويلىسا، ئويلىسا دادەي
كىمنىڭ كۆڭلى سۆيۈنمەس، ھەي
ئۆز يارىنى ئويلىسا، ئويلىسا دادەي
كىمنىڭ كۆڭلى سۆيۈنمەس، ھەي
∮مۇزىكا∮
قۇدۇقىڭدىن سۇ تارتسام، ھەي
ئاينىڭ شولىسى چىقتى، ھەي
قىلىقىڭدىن ئايلىناي، ئايلىناي دادەي
كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى، ھەي
قىلىقىڭدىن ئايلىناي، ئايلىناي دادەي
كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى، ھەي
ۋاي دادەي....
∮مۇزىكا∮
ئۇچۇپ بارسام يېنىڭغا
تۈڭلۈكىڭنى ئاچامسەن، ھەي
ئۇچۇپ بارسام يېنىڭغا
تۈڭلۈكىڭنى ئاچامسەن
تىلىڭدا دان يىگۈزۈپ، يىگۈزۈپ دادەي
جىنىمغا ئوت ياقامسەن، ھەي
تىلىڭدا دان يىگۈزۈپ، يىگۈزۈپ دادەي
جىنىمغا ئوت ياقامسەن، ھەي
قار ياغمىغان زىمىستان، ھەي
ئۆتۈپ كەتتى جىممىدە، ھەي
يالغۇزلىقىمنى ئويلىساڭ
يۈرەگىڭ قىلامدۇ چىممىدە
چىممىدە يارىم چىممىدە
چىممىدە يارىم چىممىدە
يۈرەگىڭ قىلامدۇ چىممىدە، ھەي
چىممىدە يارىم چىممىدە
چىممىدە يارىم چىممىدە
يۈرەگىڭ قىلامدۇ چىممىدە، ھەي
*END*
专辑信息
1.Yar Qoshiqi
2.Keyip
3.Seghinish
4.Suyermen
5.Yalghuzum
6.Muhabet
7.Seher Wahti