歌曲 / 歌词

jan atam san minig bahtim (ata kadiri)

艾则麦提江·图尔荪Listen on Apple Music

歌词

جان ئاتام ئىدىڭغۇ سەن مېنىڭ بەختىم
بۇ ھايات بېغىدا شادلىقىم تەختىم
مەن ئۈچۈن بارىڭنى قىلغانتىڭ تەغدىم
جان ئاتا ئىنتىزار بولدۇم مېھرىڭگە
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشقان بېشىم
سەن بولغاچ  ئاقمىغان بىر تامچە يېشم
سەن كەتتىڭ قايغۇدا ئىگىلىدى بېشىم
جان ئاتا ئىنتىزار بولدۇم مېھرىڭگە
يۆلەنسەم تاغلاردەك يۆلىكىم  ئىدىڭ
ئۆركەشلىك دەريادا كۆۋرۈگۈم ئىدىڭ
شادلىقىم غۇرۇرۇم سۇلتانىم ئىدىڭ
جان ئاتا ئىنتىزار بولدۇم مېھرىڭگە

更多歌手作品

专辑信息

duttar tambur mug nahxila →
  1. jan atam san minig bahtim (ata kadiri)
  2. yar kilamsan baraymu