Hayat(Prod by Red killer)

歌词
编曲:Red killer
بۇ كېچە سوغۇق مۇزلاۋاتىمەن ، توختىماي ئۆزۈمگە سۆزلەۋاتىمەن . كۆزلەۋاتىمەن مەنزىلىمنى نىشانىم يىراق يولۇمدا يوق چىراغ . ئۇخلىغۇم يوق مېنىڭ، ئۇخلىسام ھەرگىز ئويغانغۇم يوق بىر ئېغىز ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم بار ئۇندىن باشقىسى قىلمايدۇ كار قىينايدۇ بۇ پىراق ، سەن بەك يىراقتا ، سەن بەك يىراق .​ كۆڭلۈم ھېچنېمىدىن سۇ ئىچمەيدۇ يېرىلدى يۈركۈم چاك چاك چاك چاك . دېڭىزدا تۇرۇپ چاڭقاۋاتىمەن ئۇسسىز بېلىقتەك،نىشانسىز قېيىقتەك .​ ئەقلىم ، قەلبىم ، تېنىم، جېنىم گوياكى مېيىپتەك تىرىك شېھىتدەك . سەن مەڭزىمگە سۆيەتتىڭ ھازىر ياشلىرىم ئالماشتى . قولۇمدا قەلەم قەلبىمدە ئەلەم ھازىر قەغىزىم نەملەشتى . يىگىرمە تۆت سائىتىم يىگىرمە تۆت يىلغا ئالماشتى . ساڭا ئوخشايدىغان قوي كۆزۈم مېنىڭ ئاستا ئاستا خىرەلەشتى . سەن كەتكەندە زېمىستان ئىدى ، سېنى باھار كەلگەندە كېلىدۇ دېدىم . نەچچە باھار ئۆتتى ، كەتتى مېنىڭ باھارىم كەلمىدى . مەن شۇنچە كۈچەپ يۈگرەۋاتىمەن ، قولۇم قولۇڭغا يەتمىدى . بىر قېتىم كۈلۈش ئۈچۈن چۇقۇم، نەچچە يىغلاش شەرتمىدى!؟ قانچە تېشىڭ بولسا كېلىپ ماڭا ئاتقىن . ماڭا ئاتقىن . ماڭا ئات . لېكىن سۆيگەنلىرىمنى سەن يىغلاتما ھايات .​ يىغلاتما ھايات . سەن مېنىڭ سىرداش دوستۇم ئىدىڭ ھەممە گېپىمنى دېيەلەيدىغان . نېمىلا دېسەم قۇلىقىڭ ئەمەس ، يۈرىكىڭ بىلەن ئاڭلايدىغان . ھەتتا بەزىدە ئۈنسىز يۈرسەممۇ ئىچىمدىكىنى تاپالايدىغان . شىددەت سوغۇقتا يوتقىنىڭنى ئېلىپ ، مېنىڭ ئۈستۈمگە ياپالايدىغان .​ سېنى ئاخىرقى كۆرگىنىمدە مەن بىلەن كۈلۈپ خوشلاشقان ئىدىڭ . سەنمۇ بەلكىم ماڭا ئوخشاش ئۇيقۇسىز كېچىدە تولغاشقان ئىدىڭ . مەن ھەتتا بىلمەيمەن سەن نېمە كەيدىڭ، نېمە يېدىڭ، بۇ ئائىلىدە ئازراق ھارارەتمۇ يوق، يوق سېنىڭ تېنىڭ، يوق سېنىڭ ھىدىڭ . ​ قانچە تېشىڭ بولسا كېلىپ ماڭا ئاتقىن . ماڭا ئاتقىن . ماڭا ئات . لېكىن سۆيگەنلىرىمنى سەن يىغلاتما ھايات .​ يىغلاتما ھايات .
歌词翻译:这一夜我感到冷,不停地对自己说。我在看我的风景,目标是远方没有灯。我不想睡觉,睡觉的时候根本不想醒来,只想听你的一句声音,别的都不做了,卡得很难受,你太远了,你很远。--我的心什么都不喝裂缝。呆在大海里像鱼一样,没有目标的小船一样。“智慧,我的心,我的身体,我的心肝宝贝或者残疾一样活的尸体。你爱我的脸颊现在我的眼泪换了。我手上的笔在我心里,现在我的纸湿了。我的二十四个小时换了二十四年。像你这样的绵羊眼睛让我渐渐模糊了。你走的时候是地狱,我说你春天来的时候来。几个春天过去了,我的春天没来。我跑得那么卖力,手够不着你的手。为了笑一次,必须哭几次!?你有几个题目就来给我发吧。请递给我。给我马。但是我让我的爱让你哭。
专辑信息
1.361
2.My Heart Will Go On / 满舒克-My Heart Will Go On(遇见刚好 / JT-Jurat remix)
3.Hayat(Prod by Red killer)
4.Muallim