歌词
دۇنيا
تىكىستى: مۇھەممەتجان راشىدىن
مۇزىكىسى: ئابدۇلئەزىز ياسىن
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئۆمەر
تالشساڭمۇ تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا
بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا
ئەجدادلاردىن قەبرىلەر قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ
خىيال قىلساڭ بەئەينى مازار ئىكەن بۇ دۇنيا
تىرىكلەرگە كۆز سالساڭ مىدىرلايدۇ ھايات دەپ
بىر قىسمەتتە ئاجايىپ بازار ئىكەن بۇ دۇنيا
ئۈچۈرگەندەك ئۈيۈڭنىڭ چىرىغىنى بىر شامال
ئۈزى يەنە گۆرۈڭنى قازار ئىكەن بۇ دۇنيا
بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدىن ھەركىم ھەرنە كۆزلەيدۇ
بىخىللارنىڭ كۈزىدە تاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا
كىلىپ كىتەر مىھمان سەن ياخشى كىلىپ ياخشى كەت
سىخى ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا
唯有很多钱财,你还是去世留钱财
谁也不知道这世界到底去哪里
世代相传留很多很多坟墓
如果幻想这世界像无人城市
就像来风熄灭了鹟灯似的
还是这世界为了你破土
这短生意每个人想发财
吝啬鬼的心目中世界像货物
这意这么短,所以做好事
宽大仁慈人心目中世界像一捆草杂