![](https://img.rapzh.com/rapgod.swiftcarrot.com/926de5564adfa0552f4cb90cf2b5c6bff7b937a2_400x400.jpg)
歌词
ئاشىق گۈلۈم يۈردۈڭ قايدا
ھىجرانلىرىم دىلىمدا
چارىسى يوقمىكىن ؟ سەندىن باشقا
دەردىمگە دەۋا …
جىمجىتلىقىم ھەمرا ماڭا
سەن يوق ئەجەپ قالدىم تەنھا
چارىسى يوقمىكىن ؟ سەندىن باشقا
دەردىمگە دەۋا …
ئاھ يۈرۈكۈم ، سوقتى ساڭا
بولغاچ پەقەت سەن ئويۇمدا
چارىسى يوقمىكىن ؟ سەندىن باشقا
دەردىمگە دەۋا …
تۈنلەر قاراپ ئاي يۇلتۇزغا
مەن يېلىنىپ بىر خۇداغا
چارىسى يوقمىكىن ؟ سەندىن باشقا
دەردىمگە دەۋا …
تىلىسەممۇ بەخىت ساڭا
قويماس كۆڭلۈم ئايرىلىشقا
چارىسى يوقمىكىن ؟ سەندىن باشقا
دەردىمگە دەۋا …
专辑信息