歌词
ئىتىزار قىلدىڭ مېنى
كەلمىدى كەلسۇن دېسەم
ساڭا كۆيگەن يۈرەكنى
بىلمىدىڭ بىلسۇن دېسەم
سۆزۈمگە ئىشىنەرسەنمۇ
قەلبىمنى چۈشىنەرسەنمۇ
ساڭا كۆيگەن يۈرەككە
پەرغانە بولارسەنمۇ
سۆزۈمگە كۆنگەن ئەمەسمۇ
قەلبىمنى بىلگەن ئەمەسمۇ
ئەمدى سەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ
ۋەدىلەر بەرگەن ئەمەسمۇ
دەريا بويى چىمەندە
تەنھا يۈرۈيمەن غەمدە
كۈلمەسمىدۇق ئامرىغىم
بولساڭ ئىدىڭ شۇ غەمدە