歌词
ئاپا ، بالاڭنىڭ ساڭا دەيدىغان سۆزى بار
妈,你的孩子有话要跟你说。
ئەلۋەتتە ، بۇ سۆزنىڭ بېشى رەھمەتتىن باشلىنىشى كېرەكتى
当然,这个话的开头应该从谢谢开始。
سەن ماڭا بىر دۇنيا بىر بۆشۈك
你给我一个世界一个摇篮。
دادام ماڭا يۆلەنچۈككەن بىر تېرەكتى
我爸爸是我的靠山,是个杨树。
ئەمما بۈگۈن دەيدىغىنىم باشقىچە ، چۈنكى سىلەر بەرگەن ماڭا شۇ جۈرەتنى
但是我今天要说的不一样,因为你们给我的那个勇气。
توغرا ، ماڭا ياخشى بولسۇن دېدىڭلار
没错,你们是为了我好。
ئاش تاماقنىڭ ئورنىدا غېمىمنى يىدىڭلار
你们替饭操心了。
ماڭا يېمەي يېگۈزۈپ كەيمەي كەيگۈزۈپ
不吃让我吃不穿让我穿。
ئەمما يىقىلغان چاغدا توپاقنى قاق دېمىدىڭلار
但是摔倒的时候你们没说土是干的。
ئورۇنسىز بەتخەتچىلىك ئىسراپچىلىققا ياق دېمىدىڭلار
无理的造谣,浪费,你们没说不。
پۇتبول تېپىشكە ئامراق ئىدىم ، ئەمما سىلەر يىقىلىپ كەتمىسۇن دەپ تەگكۈزمىدىڭلار
我喜欢踢足球,但你们怕摔了。
دوستلۇرۇم بىلەن دالا سەيلىسىگە بارغۇم بار ئىدى
我想和我的朋友们去郊游。
قوغلىشىپ ئوينىغۇم بار ئىدى
我想追着玩。
ماڭا زىيادە كۆيۈنۈپ جىق ھېكمەتنىڭ تېگىگە يەتكۈزمىدىڭلار
你们对我的关心太多了,没让我明白很多道理。
دوستلۇرۇم ئارىسىدا پارنىك بالىسى دەپ لەقەم قويغانلار بولدى
朋友们之间有了“温室孩子”的外号。
ئاستا ئاستا ئۇلاردىن يىراقلاشتىم يالغۇز ئوينايدىغان بولدۇم
慢慢的远离了他们,我一个人玩了。
ناخشا ئېيتىشقا قىزىقتىم ، ئەمما ئىستىقبالى بولمايدۇ دەرسىڭنى تەكرار قىل دېدىڭلار
我很喜欢唱歌,但是没有前途,你们让我复习功课。
نارازىلىق بىلدۈرسەم بىزمۇ سەن ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەيمىز
我表示不满,我们也是为了你好。
دېگەن گەپ يەنە تەكرارلاندى
说过的话又重复了。
قوشنىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇردۇڭلار
你跟邻居家的孩子比较了
قوشنىلارنىڭ بالىسى ھەۋەس قىلىدىغان شارائىتقىمۇ ئېرىشتۈردۈڭلار
让邻居家的孩子也得到了羡慕的条件。
ئەمما بالام نېمە ئىش قىلغۇڭ بار ، نېمىگە قىزىقىسەن ، نېمىگە ئىنتىلىسەن
但是你想做什么,你对什么感兴趣,向往什么。
بۇنداق سوئاللار ئارىمىزدا كەمدىن كەم بولاتتى
这样的问题在我们之间很少有。
ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلغۇم بار ئىدى
我想按照自己的意愿做事。
نېمىشقا تايىنى يوق ئىشلارغا ئىنتىلىسەن دەپ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىنى پىشانەمگە قوياتتى
你为什么要追求鸡毛蒜皮的事,为我做的事都放在我的身上。
مېنىڭمۇ يېزىلاردا بالىلار بىلەن سۇغا چۆمۈلۈپ ئات مىنگۈم بار
我也想在乡下跟朋友们一起游泳骑马。
توپا يوللاردا يالاڭ ئاياغ يۈرۈپ كەپسىزلىك قىلغۇم بار
我想在土路上光着脚调皮。
كىيىملىرىڭنى مەينەت قىلىۋېتىسەن دەپ گەپنى ئۈزدۈڭ ئاپا
妈妈,你说会把衣服弄脏了,把话打断了。
تولۇق ئوتتۇرا پۈتكەن ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ئېچىلىپ ئويناپ
在高中毕业的同学聚会上开心着玩。
شۇ چىرايلىق قىز ساۋاقدىشىم بىلەن بىر قېتىم تاڭسا ئوينىغۇم بار ئىدى
我就想跟那个漂亮的女同学一起跳舞。
ئىشىكتىن چىققاندا ئوغۇل بالا دېگەن سورۇنلاردا چوڭ سۈپەت بولۇشى كېرەك
出门的时候男孩应该在场合要得高尚一点
دەپ گەپنى ئۈزدۈڭ دادا
爸爸,你就这样打断了我的话。
تولۇق ئوتتۇرا پۈتتى ئالىي مەكتەپكە چىقتىم
高中毕业了,我上大学了。
تۆمۈر تاۋاق ئەڭ ياخشى تاللاش بولدى
铁饭碗是最好的选择。
چۈنكى سەن ئۈچۈن ياخشى دېدىڭلار
你们又说为了我好
ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇسى يوق ، ئەمما سىلەر تىرىشىپ ياخشى ئوقۇ ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسى
我自己不想读书,但是你们让我努力学习是为了自己的未来。
يەنە سەن ئۈچۈن ياخشى دېدىڭلار
你们还为你为我好。
جېنىم ئاپا ، مېنى دەپ قورۇق باستى يۈزۈڭنى
亲爱的妈妈,为了我而皱着眉头
جېنىم ، دادا ئىسىمنى بىلگەندىن ھازىرغىچە يېرىپ باقمىدىم سۆزۈڭنى
亲爱的,爸爸从小到现在我还没打断过你的话。
سىلەرگە ئىلتىماس دادا ، ئاپا ماڭا ھەقىقىي ياخشى بولسۇن دېسەڭلار
给你们恳求,爸爸,妈妈,你们希望对我真正的好。
ئۈزۈم تاللىغىنىم ياخشىسى بولسۇن
我自己选的是最好的。
يىغا قاپلىمىسۇن بىر جۈپ كۆزۈمنى
别让我流泪了,别让我心酸了
专辑信息
1.Eltimas