歌词
تاپالمايسەن
كەتتىڭغۇ يايرىم مەندىن كېچىپ
ئېيىت كىملەرنى ئەتىۋا بىلىپ
يات بەرسىمۇ باغرىنى يېرىپ
تاپالمايسەن مەندەك بىرىنى
تاپالمايسەن مەندەك بىرىنى
ئىزدىسەڭمۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى
ئوخشىتالماي ماڭا بىر يېرىنى
تاپالمايسەن مەندەكبىرىنى
چولپان بىلىپ ئۆتسەممۇ ئاينى
گۈل گۈلىستان قىلساڭمۇ ساينى
مەيلى سۆيگىن ھەر قانداق يارنى
تاپالمايسەن مەندەك بىرىنى
بەرسە ساڭا ھەركىم شىرىن سۆز
بېرەلمەيدۇ مېنىڭدەك ھەرگىز
چۈشىنىسەن كىچىكىپ بىر كۈن
تاپالمايسەن مەندەك بىرىنى